بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىشكەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

يىغىندا سۆزگە چىققانلار بۇ ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان رۇس ۋە خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.