شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈلمىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.12
jumhuriyet-kuni-washington-yighin-4.jpg ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار، بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ئۇيغۇر مېھمانلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى. 2013-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئۇيغۇر خەلقى 1933-يىلى 12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، 20-ئەسىردىكى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.

بۈگۈن، يەنى 12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ساق 80 يىل توشتى. 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس. بۇ جۇمھۇرىيەت، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلانغان جەدىتچىلىك يەنى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 6 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەب ئامىللىرى تۈپەيلىدىن ئاخىرلاشتى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1878-يىلى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى زۇ زۇڭتاڭ تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، 1884-يىلى مانجۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى بۇ جايدا ئۆلكە تۈزۈمى ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق 9111-يىلى خىتايدا مانجۇرلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلدى ۋە خىتاي مىللىي ھاكىمىيىتى مەيدانغا كەلدى. ئەمما، ئۇيغۇر خەلقى كەڭ كۆلەملىك مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتلىنالماي، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى مىلىتارتستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر دىيارى خەن مىلىتارسىتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم باشقۇرۇش دەۋرىگە كىرىپ، تاكى 1931-يىلىغىچە ياڭ زېڭشىن ۋە جىن شۇرېن قاتارلىقلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۇچرىدى.

1931-يىللىرىدا قۇمۇلدا باشلانغان قوزغىلاڭ تېزدىن كېڭىيىپ 1933-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئەۋج ئالدى. ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىدە 1933-يىلى 12-ئاپرېلدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خەن مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

خوجا نىياز ھاجى ۋە ماخمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى قوشۇنلار بولسا، ئۈرۈمچى -تۇرپان ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىپ، شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 1933-يىلى، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى پۈتۈنلەي قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار شېڭ شىسەينى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.

تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا خوتەن ۋىلايىتى دائىرىسىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە خوتەن ھۆكۈمىتى، قەشقەردە تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت مەيدانغا كەلدى. خوتەندىن -ئاقسۇغىچە بولغان جايلاردا يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرى شەكىللەندى.

1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، جەمئىي ئالتە ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.