ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنىدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىي ساۋاقلار ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

9-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پائالىيەتتە تارىخىي ساۋاقلارنى ئەسلەش ۋە ئۇنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تېمىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. تەكلىپكە بىنائەن شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۇنداقلا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى لېكسىيە سۆزلىگەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى ۋە تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن باشلانغان. نىجات تۇرغۇن باشلىنىش سۆزى سۆزلەپ، تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈننى مىللىي بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىمنى جامائەتكە كۆرسەتكەن. ئارقىدىن شىۋېتسىيەدىكى ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەپ يازغان ماقالىلىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە جامائەتنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى دۇئا-تىلەكلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان. نىجات تۇرغۇن ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن يېڭىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.