قىرغىزىستاندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017.11.14
qirghizistan-ikki-jumhuriyet-ekberjan-bawudonof.jpg ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەكبەرجان باۋۇدونوف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2017-يىلى 12-نويابىر، قىرغىزىستان.
RFA/Firuze

12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاندا جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۇنجى قېتىم، 1933-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 84 يىللىقى ۋە 1944-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىننى ئۇيۇشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىمۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

جەنۇبىي ۋىلايىتىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە 2014-يىلى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسى ئېچىلىپ، ئەلىشىر ناسىراخۇنوف شۆبە رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. ئاشۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر-خىل مۇراسىم-پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئەمما بۇ جايدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت» بايرىمى تۇنجى قېتىم خاتىرىلەندى.

مەزكۇر پائالىيەتكە جالال-ئاباد شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ رەئىسى خۇدايبەردىيېف كۇبانىچبەك ۋە جالال-ئاباد شەھەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى شېرزات مەدرائىموفلار تەكلىپ قىلىندى. شۇنداقلا، جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا-شەھەرلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. مۇراسىمغا مەسئۇل بولغان ئەلىشىر ناسىراخۇنوف مۇراسىم مەقسىتى ۋە مېھمانلار نۇتۇقلىرى توغرىسىدا سۆزلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار بازار قورغان، نوئوكەن، قوچقار-ئاتا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيەسى ۋە ئوش شەھىرىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستاننىڭ شىمالىي ناھىيەلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا 1945-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىلىرىدىن پەقەت ئۈچ كىشىلا قاتناشتى؛ ئۇلار ئابدۇكېرىم ئابدراخمانوف، ئابلىمىت بەكرىيېف ۋە ئەبدۇرېشىت سەلىموفتۇر. قىرغىزىستانغا تارقالغان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاپات بولغان ئىدى.

يىغىنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى كۆپچىلىككە ئىللىق سالاملارنى يوللاپ، 1944-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتىپ، جامائەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سايلانغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋەكىللىرىدىن بىرى زۇلپىيە غىلاجىدىن، ئۆزى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر دائىم بالىلارنى ۋە نەۋرىلىرىنى ۋەتەنپەرۋەر روھىدا تەربىيەلەپ ئۇيغۇر تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن سىراجىيېف شايەھمەت ھاجىم ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان يىلى تۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، دادىسى شامەمەت سىراجىيېف ئىنقىلابقا قاتنىشىپ گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوفنىڭ ئاديوتانتى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەكبەرجان باۋۇدونوف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىلىرىدىن پەقەت 7 كىشى ھايات قالدى. بۇ يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان قەھرىمانلار خەمىت كەنجىبايېف، نۇرمۇھەممەت ھەسەنوف، غىلاجىدىن ئىمىنوف ۋە ئەبدۇرۇسۇل ئابدۇللايېف قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئۇلار كۆزلىرى يۇمۇلغىچە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈنلىرىنى ئەسلىگەن ۋە سېغىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.