ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى» نى تەبرىكلىدى
2015.11.16
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ «خاتىرە كۈنى» نى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.
شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ھەمدە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە، مارىلان ۋە باشقا شتاتلاردىن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائىتى فايرفاكس رايونىدىكى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى.
بۇ قېتىملىق «ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىدى.
جەمئىيەت رەئىسى ئالىم سېيتوف مەزكۇر يىغىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن باشلىنىش نۇتقى سۆزلەپ ھەممەيلەننىڭ «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى مۇبارەكلىدى.
پائالىيەت داۋامىدا سورۇندىكى چوڭ-كىچىك جامائەت بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مارشى» نى ئاڭلىدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئالىم سېيتوف ئەپەندى نۇردۇن ھاجىمنى تارىختىكى «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نى قۇرۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ۋە دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىمامەتچىلىك قىلىۋاتقان نۇردۇن ھاجىم «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس-شەرىف» لەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، ئىمان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.
نۇردۇن ھاجىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان خەتمە-قۇرئان ۋە دۇئادىن كېيىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ياش شائىر فەرۇق ھەسەنجان ئۆزىنىڭ «ۋەتەن» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى:
ۋەتەن،
تۆرەلدۇق قوينۇڭدا بىز،
ئۇيغۇر بولۇپ،
گۈلدەك ئىپتىخار،
كۆزىمىزدە ھەسرەتنىڭ يېشى.
ۋەتەن،
كۆرۈنىسەن بەزىلەرگە،
سەن - خورازنىڭ قۇيرۇقى بولۇپ.
بىزگە ئايان،
سەن جۈپ كۆزىنى قىبلىگە تىككەن،
بىر باھادىر كۆك بورە بېشى.
ۋەتەن،
مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانغان كارۋان.
ۋەتەن،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك نەۋرە.
ۋەتەن،
ۋەتەن دەپ ۋەتەندىن ئايرىلىپ،
ئۆزگە يۇرتتا قالغان بىر قەبرە.
ۋەتەن،
بۆشۈكىدە تۇغۇلغان سادا.
ۋەتەن،
يانار تاغ ئاغزىدا قاينىغان لاۋا.
ۋەتەن،
ھېيتگاھ ئالدىدا قاينىغان ساما.
ۋەتەن،
مەجلىسنىڭ ئىچىدە بىر چىمەن دوپپا!
ۋەتەن،
بىر ئەزىز تۇپراق،
مىڭلىغان شىھىتلار جانلىرى پىدا.
ۋەتەن،
قولدىن-قولغا ئۆتكەن كۆك بايراق،
ھىجرەتتە چېكىلگەن ئاھ-پەريات نىدا.
ۋەتەن،
ئىككى جۇمھۇرىيەت،
قۇرۇلغان نەچچە ئون يىللار مۇقەددەم.
ۋەتەن،
بۈگۈن ھۈرىيەت-ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم.
ۋەتەن،
ياراتقان ئىگەمگە قىلىنغان سەجدە،
كۆزلەرگە ياش ئېلىپ ئېيتىلغان دۇئا.
ۋەتەن،
بىر قولىدا تەۋرىتىپ بۆشۈك،
بىر قولىدا دۇنيانى تىترەتكەن ئانا.
ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئىنتايىن يوقىرى كەيپىيات ئىچىدە 20-ئەسىر تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نىڭ قىسقىچە تارىخى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلىدى.
مەزكۇر دوكلاتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى پوۋېر پوئىنت ئارقىلىق كۆپچىلىككە تەقىدىم قىلدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتتا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا تارىخىدا «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نامى بىلەن قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.