1941 - ۋە 1945 - يىللاردىكى سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە سوۋېت خەلقى تەركىپىدە، بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىپ، فاشىستىك گېرمان ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان ئىدى. ئەمدى ئارقا سەپتە قالغان ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە باشقىمۇ ھاجەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىدى. شەھەر ۋە يېزىلاردا قالغان بۇ ئاھالە ئۇرۇش يىللىرىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللىرىمۇ ئېتىز - ئېرىقلاردا ئىشلەپ، ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ، ئېغىرچىلىقنىڭ جاپاسىنى باشلىرىدىن كۆپ ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئەنە شۇ ئۇرۇش مەيدانىدا قان كەچكەنلەرنىڭ سانى بەك ئازىيىپ كەتتى. شۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكى 6 - 10 ياشلىق بالىلار ھازىر مانا 80 - 85 ياشلار ئەتراپىدا ئېكەن. ئۇلار «ئۇرۇش بالىلىرى» دىگەن نام ئالغان ئىدى.
ئۇرۇش يىللىرى، مەسىلەن، ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ بىرى سۇلتانقورغاننىڭ ئۆزىدىنلا مەيدانغا كەتكەنلەردىن 130 غا يېقىن كىشى ئۇرۇشتىن يېنىپ كەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار شۇلارنىڭ 70 - 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر ئائىلىدىن ھەتتا تۆرت - بەش كىشى ئۇرۇشقا كەتكەن ئائىلىلەرمۇ بولغان.
ئەنە شۇ يىللىرى بالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئېغىر سىناقلار ھەققىدە سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ئىمەرجان قادىروف ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ 1937 - يىلى ئەنە شۇ مەھەللىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇرۇش باشلانغاندا تۆت ياشتا ئىدى، بەش يېشىدا دادىسى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئىمەرجان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇغۇلغاندا بۇ مەھەللە فرۇنزې دەپ ئاتىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى يەنە بەش قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ئېكەن.
بىز ئى. قادىروف بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا ئۇ بىر قاتار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
- سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز ئۇرۇش باشلانغانغا قەدەر نېمە بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئۇرۇش يىللىرى قانداق ئېغىرچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈڭلار؟
- ئاپامنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە، 1924 - يىلدىن باشلاپ ئاپام بىلەن دادام ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنا قۇرۇپتىكەن. ئۇرۇش باشلانغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. دادام 1942 - يىلى ئۇرۇشقا كەتكەندە مەن بەش ياشتا ئىدىم. دادام كېتىپ، بىز مال - ۋاراننى ئاستا - ئاستا يېدۇق. ئاخىرىدا مال تۇرغان قوتاننىڭ چەڭزىلىرىنى ئوتۇنغا قالاپ بولدۇق. 1944 - يىلى ئاپام ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، 10 كىلو گۈرۈچ، تۆرت قارا نانغا ئۆينى 50 سوتكا يېرى بىلەن تېگىشىۋېتىدۇ. بۇ كۈزنىڭ كۈنى بولغان ئىدى. ئەتىيازلىقى ئۇلارنى يەپ بولغاندا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىز بىزنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈنەم دىگەن بىر موماي بار ئىدى، ئۇنىڭ قىزلىرى بار، ئوغلى سوقۇشتا. بىز شۇنىڭ كىچىككىنە بىر ئۆيىدە تۇردۇق. ئاپام ئاغرىقچان ئىدى. دادىمىزدىن كۆك قەغەز كەلگەندىن كېيىن بىزگە بولغان مۇناسىۋەت ئۆزگەردى.
- بۇ نېمە قىلىدىغان كۆك قەغەز؟
- بۇ دادىمىزنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگىنى ھەققىدە ھۆججەت. بىر كۈنى ئاپام مېنى دۇكاننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ باققىنا دېدى. بۇ 1944 - يىلى ئىدى. مەن پۇتۇمغا دادامنىڭ ئەسكى ئۆتۈكىنى كىيىپ، چاپاننىڭ يەڭلىرىنى پۇتۇمغا يۆگەپ، شۇ دۇكاننىڭ ئالدىدا نان سورىدىم. بىر يىلچە شۇنداق قىلدىم. ئۇرۇش تۈگەپ، 1945 - يىلى بىزنى يېزا سوۋېتىگە چاقىرىپ، ھازىر مۇنۇ تۇرۇۋاتقان يەرنى بېرىدۇ.
- شۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سىلەرگە كۆرسىتىلگەن ياردەم بولدىمۇ؟
- ئۇرۇشتىن قايتمىغانلارنىڭ بالىلىرىغا ياردەم قىلغىنى. ئاپام بىلەن كولخوزغا باراتتۇق. كولخوزنىڭ برىگادىسىدا ئوماچ قىلىدۇ. بىر چىنە ئوماچ ئۈچۈن يوغان نېپىز ناننى تۆتكە بۆلۈپ، ئىشلىگەنلەرگە بېرىدۇ. بىز ئاپامغا ياردەم بېرىمىز دەپ، ماڭىمۇ، ئىنىمغىمۇ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ جان باقتۇق. يىلنىڭ ئايىغىدا كولخوز ھېچنەرسە بەرمەيتتى. يەپ بولدۇڭلار، باشقا يوق، سىلەر قەرز بولۇپ قالدىڭلار، دېگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. مەكتەپتە مەن ياخشى ئوقاتتىم. ئۇيغۇرچە ئوقاتتىم.
- مەسىلەن، سىلەرنىڭ ئائىلىدىن ئۇرۇشقا نەچچە ئادەم كەتكەن ئىدى؟
- ئاۋۋال رازاق چوڭ دادام كېتىدۇ. دادام 1942 - يىلى دېكابىردا كېتىدۇ. ئاندىن زاكىر كىچىك دادام كېتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا خەت كەلسە كەلدى، كەلمىسە بېرىپ تەكشۈرۈشتىن قورقاتتۇق. قاتتىق ئىدى. يا زامان شۇنداق ئېدىمۇ. كولخوزدا ئۆسۈۋاتقان نەرسىنى يەتتۇق، بىراق ئوغرىلاش، كىچىككىنە ئۆيگە ئېلىپ كېلىش يوق. 500 گرام بۇغدايغا سوتلاۋېتەتتى. ھېچيەرگە بارالمايتتۇق. باشقا يەرگە ئىشقا ئالمايتتى. 60 - يىلغىچە بىزدە پاسپورتمۇ يوق ئىدى. بۇ يەردە سوقۇشتىن كەلگەن زاۋۇتلار بار ئىدى. بىزنى ئالمايتتى. لېنىنگرادتىن، موسكۋادىن كەلگەنلەر ئوق - دورا چىقارسا، بىز ئۇلارنى بېقىشىمىز كېرەك. ئۇرۇشقا تۇغقانلاردىن بەش ئادەم كەتتى. ھەممسى يوق. كېيىن خەۋەر تاپتۇق. ئۇلارنى مۇشۇ يەردىلا ياغاچ مىلتىقلارنى بېرىپ ئۆگەتتى. مۇشۇ يەردىنلا سوقۇشقا ئېلىپ كەتتى. كولخوزدىن ئىشلەپ كېلىپ ئىككى - ئۈچ سائەت مەشىق قىلاتتى.
0:00 / 0:00