ئاتاقلىق شائىر ئىمىن ئەخمىدى: «مېنىڭ مىللىتىم ئەزەلدىنلا كىتابخۇمار مىللەت»

0:00 / 0:00

«خەلق مەڭگۈ يىلتىزىم، ۋەتەن يىلتىزىم»، «مېنىڭ بارلىقىمدىن يوقلۇقۇم ياخشى، ئەل بەرگەن جېنىمنى ئەلگە بەرمىسەم» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئوتلۇق شېئىرلىرى، ئانا ھەققىدىكى مۇڭلۇق لىرىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدى بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

شائىر ئىمىن ئەخمىدى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا نەشر قىلىنغان «ئاسمانلار-تاغلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، شائىر ئىمىن ئەخمىدى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.