قازاقىستاندىكى «ئىنايەت جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» ئىش-پائالىيىتىنى تونۇشتۇردى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى مىللىي تارىخنى ئۆگىنىش، مەدەنىيەتنى تەرغىب قىلىش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى ئېغىر ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش، ياشلارنى تەربىيىلەش ۋە باشقىمۇ خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ئاكتىپلىق كۆرسەتمەكتە.

شۇلارنىڭ بىرى «ئىنايەت جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» ئۆتكەنكى يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.

«ئىنايەت جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» نىڭ بىر يىل داۋامىدا قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھەدىيەم ئەخمەتوۋا مەلۇمات بەردى.