مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەملىكەتتە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى، مەتبۇئاتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھاياتىدا كۆپلىگەن مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بولۇپمۇ مەتبۇئات ساھەسىدە يېڭى گېزىت ۋە ژۇرناللار نەشر قىلىنىشقا باشلىنىپ، ئۇلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى ھاياتى، مەنىۋى بايلىقى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلىرىگە باغلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك قوش ئايلىق ژۇرنىلى «ئىنتىزار» بولۇپ، ئۇ 2002-يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنماقتا.
«ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ۋە ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئانىلار كېڭىشى رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
-ئابدۇغوپۇر ئاكا، «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى يەتكەن ئۇتۇقلىرى بىرىنچى نۆۋەتتە كىمگە تەئەللۇق دەپ ئويلايسىز؟
-ژۇرنالنىڭ مۇشۇ ھالغا كېلىشىدە، ئۇنىڭ ھەم ئانىسى، ھەم ئاتىسى پەيزۇللام داموللا ئوغلى ئەخمەتوفتۇر. ئۇنىڭ بىر خۇشاللىقى مۇشۇنداق ژۇرنالنى چىقىرىشتىكى ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدە بولۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن. ماددىي جەھەتتىن ئۇنىڭ بىر تەڭگە ئالماي يۈرگەنلىكىنىڭ، ھەتتا يەتمىگەن يەرلىرىگە ئۆزىنىڭ پېنسىيە پۇللىرىنى قوشۇپ خەشلەۋاتقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىمەن. شۇندىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىدىن يانماي، تىرىشىپ ئۇنى چىقىرىۋاتىدۇ.
-ئەمدى ھازىرقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار دەۋرىدە ژۇرنالنىڭ باھاسى ئۆزگىرىپ، ئۇنى سېتىپ ئالغۇچىلارنىڭ سانى قىسقىراپ كەتمىدىمۇ؟
-ھازىر ھەممە نەرسە ئۆرلەپ كەتسىمۇ ژۇرنالنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتمىدى. شۇ باھادا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. يىغىلغان پۇلغا يەنە ژۇرنال تەييارلاش بىلەن ئۆمرى ئۆتۈۋاتىدۇ. ژۇرنالنىڭ لايىھە مۇئەللىپى ئەيساجان مۇسايېفمۇ ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى مۇشۇ ئانىلار ئۈچۈن خەجلىدى. بىز ئۇنىڭدىن مىننەتدارمىز.
-ژۇرنالنى نەشر قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت نېمىدە دەپ ئويلايسىز؟
-بۇ ژۇرنالدا بىرلا مەقسەت - ئانىلارنى تەربىيىلەش. ئەگەر ئانىنىڭ تەربىيىسى ياخشى بولمىسا، مىللەت ساپاسىز بولۇپ قالىدۇ. ساپاسىز مىللەت يوقاشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ژۇرنىلىمىز ھازىر ئاياللار ئارىسىغا ياخشى تاراۋاتىدۇ. ژۇرنال كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى.
-ژۇرنالدا قانداق مەزمۇندىكى ماقالىلەر بېرىلىۋاتىدۇ؟
-بۇ ژۇرنالدا ئاياللارنى ئۇلۇغلايدىغان، كۆزىنى ئاچىدىغان، مەيلى ئىسلام دىنىغا ئائىت ماتېرىياللار بولسۇن ماقالىلەر بېرىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بولۇپمۇ ئاياللار تەربىيىسىدە مۇھىم رولى بار. بىزگە بۇنىڭدا مۇھەممەت يۈسۈپ دېگەن دىنىي زات كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ژۇرنىلىمىزدا بىزنىڭ تارىخىمىزمۇ بار.
-مۇشۇنداق ژۇرنالنىڭ چىقىشىغا بىرىنچى نۆۋەتتە نېمە سەۋەب بولدى دەپ ئويلايسىز؟
-بۇ ژۇرنالنى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ مېۋىسى دەپ تونۇيمەن، چۈنكى 2002-يىلدا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ بولغان ۋاقىت. شۇ ۋاقىتتا قېرىنداش قازاق خەلقى مۇستەقىل بولمىغان بولسا، مۇنداق مۇستەقىل ئۇيغۇر ژۇرنىلىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قازاقىستاننىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە بىزگە مۇشۇ ژۇرنالنى بەردى. بىز بۇنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز كېرەك.
ئەختىرىم ئەخمەتوۋا بولسا، «ئىنتىزار» ژۇرنىلى چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بىز شۇنداق خۇشال بولۇپ يۈرگەندە پەيزۇللام ئاكا بارلىق ئاياللارنى يىغىپ، مەسلىھەت قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىردىن-بىر گېزىتىمىزدە ئاياللارنىڭ ‹ۋىسال› بېتى چىقاتتى. ئۇنىڭدا ئانچە-مۇنچە شېئىرلارنى، ئانىلار توغرىلىق بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇپ قالاتتۇق. ئەمدى ‹ئىنتىزار› ژۇرنىلى چىقسا، ھەممىمىز قوللاپ-قۇۋەتلەتتۇق دەپ، بىزدە خۇشاللىق پەيدا بولدى. ‹ئىنتىزار› نىڭ بىرىنچى سانى چىققاندا قولدىن -قولغا ئېلىپ يەتمەي كەتتى.»
ھازىر «ئىنتىزار» ژۇرنىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز خىراجىتىگە، بەزىدە ئايرىم مىللەت جانكۆيەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەنمۇ نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، پۈتكۈل جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا مىڭ دانە تارقالماقتا. ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى پەيزۇللام ئەخمەتوف ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىدە فوتوگراف مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ھېكايىلىرى ئايرىم توپلاملاردا، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە يورۇق كۆردى.