ياپونىيەلىك فىلىم مۇتەخەسسىسى: خىتاينىڭ «ئىپارخان» فىلىمى ئىلگىرىكىدەكلا مەغلۇپ بولىدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي مەدەنىيەت شىركەتلىرى ئىشلىگەن «ئىپار مەلىكە» ناملىق كارتون فىلىم ھەققىدە توختالغان ياپونىيەلىك فىلىم تېخنىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاكىتا، مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ ئىلگىرى خىتايدا ئىشلەنگەن «ئىپارخان» فىلىمىدەكلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاكىتا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلى ئوت دېڭىزغا ئايلانغان بىر پەيتتە، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاشقاندەك، بۇرمىلانغان ئىپارخان تارىخىنى ياساپ چىقىپ فىلىم ئىشلىشى، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئىلگىرى بۇ خىلدىكى فىلىم ئىشلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان تۇرسا، خىتاي دۆلىتى يەنە ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ساۋاق ئالماي، بۇ فىلىمنى يەنە قايتا ئىشلەيدۇ؟، دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 1985-يىلى خىتاينىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن بېيجىڭ كىنو ستۇدىيەسى، شياڭگاڭ شەرق كىنو ستۇدىيەسى بىرلىكتە ئىشلىگەن «ئىپارخان» ناملىق كەڭ ئېكرانلىق رەڭلىك فىلىمنى ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش تېخنىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شياڭگاڭلىق رېژىسسور ئىلى خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن «ئىپارخان» فىلىمى قەشقەر، ئۈرۈمچى، كۇچا، شىئەن، چاڭئەن قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان. مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئوپېرا ئۆمىكى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، كۇچا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىقلارنىڭ نىڭ ئارتىس ۋە سەنئەتچىلىرى قاتناشقان، ئىپارخان رولىغا شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەيسا شاكىرنىڭ قىزى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇزىكا ئوقۇغۇچىسى ئاينۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزى رول ئالغان.

ئۇندىن باشقا يەنە، فىلىم ئىشلەشكە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئارتىسلىرىمۇ قاتناشقان. ئەينى ۋاقىتتا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىش بىلەنلا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئارتىسىلەر ئىپارخان توغرىسىدا يېزىلغان بۇ كىنو سېنارىيەسىگە قارشى تۇرغان. كۆپلىگەن چوڭ ياشتىكى ئارتىسلار فىلىمدە رول ئېلىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن تەشكىلنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇلار مەجبۇرىي رول ئالغان.

فىلىم بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ، بىر يىلغا يېقىن تېخنىك جەھەتتىن ئىشلىنىپ پۈتكەندىن كېيىن، 1987-يىلى ماي ئېيىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى شۇنداقلا فىلىمگە قاتناشقان چەتئەللىك تېخنىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشى بىلەن بېيجىڭ كىنو ستۇدىيەسىنىڭ كىنو زالىدا كۆرسىتىلىپ خىتاي رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

كېيىن مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەسلەپكى قەدەمدە قويۇپ بېرىلگەن. فىلىم ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ بۇ فىلىمدىكى بۇرمىلانغان تارىخقا ۋە ئىپارخانغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغان.

نامايىشچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە سائەت نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ سۆھبەتلەشكەن ۋە فىلىمنى بېيجىڭدا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە قويماسلىققا كېلىشىپ، فىلىمنى پەقەتلا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندە قويۇش پىلانى بويىچە فىلىمنى خىتاي ئىچىگە تارقاتماسلىق توغرىسىدا مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتى مەخسۇس قارار چىقارغان.

«ئىپارخان» فىلىمى 1988-يىلى شياڭگاڭدا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى مەزكۇر فىلىمدە ئىپارخان رولىنى ئالغان ئارتىس تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق رايونلاردا فىلىم قويۇش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ ساياھەت قىلدۇرۇلغان.

كىنو تېخنىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاكىتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يالغۇز ئۇيغۇر تارىخىنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي-ياپون ئارىسىدىكى قەدىمىي ۋە ئۇرۇش دەۋرىدىكى تارىخلارنى بۇرمىلاپ ئۆزىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىنى تېخىمۇ ئۇزارتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ خىتاي تارىخىنى تەتقىق قىلىشى جەريانىدا، خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ ياسالما تارىخ ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپئاق خوجىلار ئائىلىسى ۋە ئىپارخاننىڭ تارىخىي ھەققىدە تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسەن كۆپلىگەن رومان ۋە قىسسەلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2002-يىلىدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى ئىدىيىسى ساغلام بولمىغان تارىخىي ئەسەرلەر دەپ قاراپ چەكلىگەن ئىدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپارخاننىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ بۇ خىلدىكى فىلىملەرنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.