سېكىئوكا: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدۇر

0:00 / 0:00

ياپونىيەلىك يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېكىئوكانىڭ ياپونىيە شودەنشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ماقالىلەر توپلىمىغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت بەزى بىر ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى دۇنيادا تۇنجى قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېكىئوكا ماقالىسىدە ما جۇڭيىڭ قوشۇنى بىلەن شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىننىڭ كورلىدا ئۇچرىشىشى جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. شىنجاڭنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتالغان شېڭ شىسەي دەرھال سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. بۇ چاغدا شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن كورلىدا ئىدى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنى دەرھال سۋېن ھېدىننىڭ ئەترىتىدىكىلەرنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك ماشىنىسىدىكى بارلىق نەرسە-كېرەكلەرنى مۇسادىرە قىلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە تەمشەلدى.ياپونىيە ھۆكۈمىتى بولسا سۋېن ھېدىننىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى، سەۋەبى سۋېن ھېدىن جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكشۈرۈشى بولسا لوپنۇر كۆلىنى تېپىش ئىدى. سۋېن ھېدىنگە چوڭچىڭ ھۆكۈمىتى يەنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن پۇل ۋە باشقا ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىپ،ئۇنىڭغا جاڭكەيشىگە ياردەم يولى مۇنداقچە ئېيتقاندا جاڭ كەيشىگە ئامېرىكىدىن بېرىلىدىغان ماددىي نەرسىلەرنى توشۇش قۇرۇقلۇق يولىنى ئىزدەش مەخپىي بۇيرۇقىنى تاپشۇرغان ئىدى.چۈنكى بۇ چاغدا شياڭگاڭنى ياپونىيە بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ گومىنداڭغا ياپونلارغا قارشى تۇرۇشىغا بېرىلىدىغان ماددىي ياردەم يولى توسۇلغان ئىدى.

ما جۇڭيىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان سۋېن ھېدىن ئەترىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچاردىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە مۇمكىن بولمىدى.بۇنىڭ بىلەن سۋېن ھېدىن جاڭكەيشىگە ياردەم يولى ئىزدەش مەخپىي تاپشۇرۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىيەلمىدى.ئۇ،جاڭ كەيشىگە ياردەم بېرىش يولى ئىزدەشتىن يەنى غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. سۋېن ھېدىن ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىپ شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ تولىمۇ تەلەيلىك بولغاچقا ئويلىمىغان يەردىن لوپنۇر كۆلىنى بايقىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە ما جۇڭيىڭ قوشۇنىغا قاتناشقان ياپونىيەلىك ئونىشى تاداشى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن: ياپونىيەلىك ئوينىشى تاداشى ما جۇڭيىڭ قوشۇنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ جۇڭگوچە ئىسمى يۇ خۇئا تىڭ، ئۇ تولىمۇ سىرلىق شەخس، ئۇنىڭ نەدە تۇغۇلۇپ نەدە ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇ مەخپىي نومۇرلۇق خەتلەرنى ئوقۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۇنى ما جۇڭيىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. شۇ سەۋەبتىن شېڭ شىسەي باياناتىدا ما جۇڭيىڭنى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ قورچىقى دەپ جاكارلىغان. موسكۋا شېڭ شىسەيدىن ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدا ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئەنسىزلىككە چۆمۈپ شېڭ شىسەيگە كۆپلەپ ئەسكىرى ياردەم بەردى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدىكى بۇ سىرلىق شەخس ئونىشى تاداشىنىڭ نام شەرىپى ھەتتا مانجۇرىيىدىن شىنجاڭغا مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ياپون جاسۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىدىمۇ يوق ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە ما جۇڭيىڭنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان. ما جۇڭيىڭ ھېچقانداق يەرگە قاچالمىغان. سوۋېتلار شېڭ شىسەي ئارمىيىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. ئۇ ئاخىرى قولغا ئېلىنىپ موسكۋاغا يولغا سېلىنغان.ئۇ شۇنىڭ بىلەن تارىخ بېتىدىن يوقالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە سۋېن ھېدىن بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: سۋېن ھېدىننىڭ خوجا نىياز ھاجىم توغرىسىدا قالدۇرغان خاتىرىسىدە. خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئۆزىگە ئانچە ياخشى تەسىر بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.چۈنكى خوجا نىياز ھاجى سۋېن ھېدىن بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچىراشقاندا ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قىلغىلى ئۇنىمىغان.

ئاپتور ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن باشلانغان ئىنقىلاپتۇر. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، خوتەن ئىسلام خەلىپىلىكى قىسقا مۇددەت مەۋجۇت بولۇپلا بىر قانچە ئاينىڭ ئىچىدىلا ئاغدۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن شېڭ شىسەي غەلىبە قازانغۇچى بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ ۋاقىتسىز يوق بولۇشى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان بۇ دۆلەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خاتىرىلىرىدە« تارىختا قۇرۇلغان ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەتلىرى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن» دېيىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە ئىسلام دىنىي دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام قانۇنى دۆلەت قانۇنى بولۇپ بەلگىلەنگەن دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان،پاكىستان،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن بالدۇر ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويغان دۇنيادىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدۇر.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتچى ھيۇما يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېئىكوكا توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېكىئوكا ئەپەندىم ئۇيغۇر تارىخىغا پۇختا بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. مەن ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.