بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز تارىخىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ 40-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تا 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئېغىر دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي بىر ئەدەبىياتنىڭ يوقاپ كېتىش خەۋپى پەيدا بولغان ئىدى. بۇنىڭغا 30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەۋج ئالغان سىياسىي تەرىپلەشلەر، شۇنداقلا 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ئاساسىي سەۋەب بولغان.
ئالماتادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەيدانىدا ئىجاد قىلىۋاتقان كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەنە شۇ ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ ساناقلىقلا ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئاساسەن بۇ يىللىرى ئىسمائىل ساتتاروف ۋە قادىر ھاسانوف ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى. بىز دېمەتلىكلەر بۈيۈك ئەدىب ساتتاروفنى كۆرگىنىمىز يوق. مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ئورۇن ئالغان سۈرەت-قىياپىتىدىنلا خەۋەردارمىز. دەھشەتلىك ئۇرۇش تۇتاشقان يىلى شائىر ئەندىلا ھاياتىنىڭ 25-داۋانىغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇرۇش شائىرغىمۇ قاتتىق زەربە بولۇپ تەگدى. ئۇمۇ جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى. بىراق، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. ئەمدى ئۇ كەينى-كەينىدىن جەڭگىۋارلىق روھتىكى شېئىرلارنى يازدى. شۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مىللىي مەتبۇئاتىمىز سەھىپىلىرىدە يورۇق كۆرۈپ، ئادەملەرگە مەدەت بەردى.
ئا. تۇدىياروفنىڭ پىكرىچە، شائىرنىڭ ئاغرىقى شۇ يىللىرى خېلى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇنى ئېغىر ئىشلارغا سالغان. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭغا ئىلى بويىدىكى بورغوجا نېفىت بازىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەشمۇ دەخلى يەتكۈزگەنلىكى تەبىئىي. مەن شۇنىڭغا ھەيران بولىمەن، شۇ يىللىرى شائىر سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىۋاتاتتى. ئۇنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر، كېسەلنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان مۇشۇ نېفىت بازىسىغا مۇدىر قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇنىڭ ئۆزى شائىر ئۆلۈمىنى چاپسانلاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ ئىجاد بىلەن قىزغىن شۇغۇللاندى.»
ئا. تۇدىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئى. ساتتاروف، پەقەتلا شېئىر ۋە داستانلارنى يېزىش بىلەنلا شۇغۇللانماي، ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسىنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا چوڭ تۆھپە قوشقان ئەدىب بولۇپ، ئۆز زاماندىشى ۋە قەلەمدىشى قادىر ھاسانوف بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى نازۇگۇم ھەققىدە «نازۇگۇم»، «گۈلستان»، ۋ. دياكوف بىلەن ھەمكارلىقتا «غېرىپ ۋە سەنەم» درامىلىرىنى يازغان. «گۈلستان» ئەسىرىدە مۇئەللىپ 1916-ۋە 1939-يىللار ئارىلىقىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى، مۇھىم ۋەقەلەرنى يورۇتۇپ، بۇ ماۋزۇغا بىرىنچىلەردىن بولۇپ مۇراجىئەت قىلغان ئەدىب.
ئا. تۇدىياروف، مەزكۇر ئەسەردە 1916-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە پادىشاسىغا قارشى ئەۋج ئالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ يورۇتۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان توخنىياز باتۇرنىڭ يارقىن ئوبرازىنىڭ دەسلەپ قېتىم يارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئا. تۇدىياروفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئى. ساتتاروف ھەققىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس يازغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق پىكىرلىرىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرى كۆرنەكلىك قازاق شائىرى ۋە ئالىمى ساغىنغالى سېيىتوف ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئىسمائىل بىلەن 1938-يىلى تونۇشتۇم. شۇنىڭدىن بېرى بىز قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2-بۆلۈمىدە (ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە) پات-پات ئۇچرىشىپ، يازغان شېئىرلىرىمىز ھەققىدە پىكىرلىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. ئىسمائىل رۇس ئەدەبىياتىدىن ياخشى خەۋەردار ئىدى. ئۆزى بولسا، ئۇ يىللىرى كۆپرەك ياشلىق توغرىلىق شېئىر يازىدىغان. ئۇنىڭ ئىجادىغا مەن شۇ چاغلاردىلا قول قويغان ئىدىم.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئى. ساتتاروف 1916-يىلى ئالماتا شەھىرىدە كەمبەغەل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، «زەرۋات» مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چېلەك يېزىسىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن. شۇ ئارىدا ئۇ رېژىسسورلارنى تەييارلايدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرستا ئوقۇپ، كېيىنچىرەك «قىزىل تۇغ» گېزىتىدە ئەدەبىي خادىم، بەدىئىي ئەدەبىيات نەشرىياتىدا مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئاتقۇرغان. شائىر 1944-يىلى 20-مارتتا 28 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئا. تۇدىياروف شائىرنىڭ ھايات بولسا بۇ يىلى 100 ياشقا كىرىدىغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە كىتابخانىلاردا كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈيۈك شائىر ۋە دراماتورگ ئىسمائىل ساتتاروفنىڭ تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە ئەدىبنىڭ بىرەر ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە، ئەدەبىي كەچ، شائىرلار مۇشائىرەسىنى ئۆتكۈزۈشكە نېمىشقا بولمايدۇ؟ مانا يىل ئاياقلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇلۇغ ئەدىب توغرىلىق بىرەر يەردە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزگىنىنى ئاڭلىغىنىم يوق.»
ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئى. ساتتاروفنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر يۈرگۈزۈلمەكتە. شۇ جۈملىدىن شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق غەيرەت يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە شۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.
مەزكۇر مەكتەپنىڭ قازاق تىلى مۇئەللىمى، شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات پېنى دەرسلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلماقتا. ئۇ ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىر ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن جاي-جايلاردا بۇ قۇتلۇق سەنەگە بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاتاپ ئېيتقاندا، مىللىي تىياتىرىمىزدا دراماتورگنىڭ «غېرىب ۋە سەنەم» درامىسى ئۈزلۈكسىز قويۇلۇۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر ئاۋازى»دىمۇ ئۇنىڭ توغرىلىق كەڭ ماقالە ئېلان قىلىندى. ياركەنت شەھىرىدىكى بىلال نازىم نامىدىكى مەكتەپتە، چېلەك تەۋەسى غەيرەت يېزىسىدىكى شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپتە ۋە باشقىمۇ مەكتەپلەردە شائىرنىڭ درامىلىرى قويۇلۇپ، يۇمىلاق ئۈستەللەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئەدەبىي كەچلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئانا تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شائىرغا بېغىشلاپ يازغان شېئىرلىرى بېسىلدى. يېقىندا مەكتىپىمىزدىمۇ بۇنىڭغا بېغىشلانغان چوڭ تەنتەنە ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئومۇمەن شائىر تەۋەللۇتى كۆڭۈل قانغىدەك دەرىجىدە نىشانلىنىۋاتىدۇ.»
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىگىلىشىمىزچە، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى گۇممانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدىمۇ شائىر تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر تەييارلىقى قىزغىن كېتىپ بارماقتا.