ئۆز خەلقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇش سەپىرىگە ئاتلانغان يازغۇچى

0:00 / 0:00


ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى - تارىخى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى رۇس تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچىدۇر.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - 90 - يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف ئۆز ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە رۇس تىلىدا يېزىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدىن ھالقىپ، چىقىپ، خەلقئاراغا تونۇلغان مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قازاق، ئۆزبېك، ئەزەربەيجان، تاجىك، تاتار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىدا يېزىپ، ئېلان قىلىش بىر دولقۇنغا ئايلانغان ئىدى. ئەنە شۇ خەلقلەر قاتارىدا سانى ناھايىتى ئاز بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ ئۆز ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.

ھازىر قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا رۇس تىلىدا ئەدەبىي ئەسەر يازىدىغان ئاز ساندىكى يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە ياخشى تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ «ئەزىزانە قەشقەر»ناملىق رۇس تىلىدىكى ئەدەبىي ئاخبارات كىتابى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئارقىلىق ياخشى تونۇلغان ھەمدە ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ قەشقەرىيە سەپەر خاتىرىلىرى ھەققىدە يازغان كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ئۈچۈن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەمدە رۇسىيە باش كونسۇلىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە يازغان پۇبلىستىكىلىق ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئىسمايىلجان ئىمىنوف 1959 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر يېزىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي رۇسچە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلىكىگە قارىماي، ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشقانلىقى ۋە ئۆز ئانا تىلىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق جايلار ھەققىدە خاتىرىلەرنى رۇس تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى رۇس تىللىق خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.