ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 12-نويابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944-يىلى غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى» خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، كۆپلىگەن كىشىلەر زالغا پاتماي سىرتلاردا قالدى ۋە يىغىننى ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىم ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن مەزكۇر بىرلىكنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 85-يىللىقى، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 74-يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەجدادلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي بولغان ئەڭگۈشتىرى 1933- ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتۇر».
كېيىن ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن دوكتور ئالىمجان بوغدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئالىمجان بوغدا سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تىل-يېزىق توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، خەت-چەك ۋە ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلىقى، خىتاي تىلىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» گېزىتىنىڭ بىر سانىدا مەخسۇس ھۆججەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا، ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ئىتوت ئورۇنلىدى.
يىغىندا، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى سۆز قىلىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا يەنە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا ۋە ئازادلىققا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يىغىن زالىغا خەلقىمىزنىڭ پاتماي تېشىپ كېتىشى، خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا، ئەركىن-ئازادە ئىنسانچە ياشاشقا بولغان تەشنالىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىلىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ لاگېردا تۇتۇۋاتقان پەيتتە خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك جاسارەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى».
دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر ھايات-ماماتلىق پەيتتە ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، جان پىدالىق بىلەن كۈرەشنى داۋام قىلىشقا چاقىردى.
يىغىندا يەنە تۈركىيە ئىلىم ئىرپان ۋەخپى رەئىسى دىنى ئالىم ئېھسان شەنئوجاق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا سابىق تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجىم، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىق رەھبەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنلىرىگە قايتىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۈمىدلىك بولۇشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00