ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان نۇرىپاشا مەھەللىسىدە، يېتىم، تۇل ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم مەقسىتىدە سودا يەرمەنكە ئېچىلدى. بۇ يەرمەنكىنى شەرقىي تۈركىستانلىق مېھرىمان خانىم قىز-ئانىلار نامىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاياللار ئويۇشتۇردى. يەرمەنكە 12-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلانغان بولۇپ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.
يەرمەنكىگە ھەر خىل كىيىم-كېچەك، كۈندۈلۈك تۇرمۇش بويۇملىرى، پولۇ، مانتا، نان، لەڭپۇڭ، سېرىق ئاش دېگەندەك ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرى سېتىشقا قويۇلدى.
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەرمەنكىگە قويۇلۇپ سېتىلغان ماللارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يېتىم، تۇل ئاياللار ۋە مۇھتاجلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشىلىتىلىدىكەن.
مۇنەۋۋەر خانىم بۇ يەرمەنكە پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ئەرلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلەر يېتىم قالغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇش، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە مۇھتاجلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە تۈنجى قېتىملىق بۇ يەرمەنكە پائالىيىتىنى تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەرمەنكە ئېچىلغان زالنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ يەرمەنكىگە قويۇلغان.
بىز بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا يەرمەنكىنى ئاچقان خانىم قىزلاردىن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بۇ يەرمەنكە توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.