ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىنىڭ چېقىلىشى-ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى بىر ئەسلىمىنىڭ يوقىلىشى (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرچە توربەتلەردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» نىڭ چېقىلغانلىقى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلغان.

ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چېقىۋېتىلگەن بۇ تىياتىرخانا 1964-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر بازىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ يېنىغا سېلىنغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئاتالمىش ئىناقلىقىغا سىمۋول قىلىنىپ «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» دەپ ئاتالغان. ئەمما ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتۈپلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زور ساندا كۆچۈپ كېلىشىگە قارشى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىگە كېڭەيگەن نارازىلىقلار قاتارىدا ئۈرۈمچىدە 1968 -يىلى يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدا ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى يىغىلىش ئورنى قىلغان. «ئون يىللىق مالىمانچىلىق» دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئاساسىي تېما قىلىپ ئىشلەنگەن دەسلەپكى ئۇيغۇر فىلىملىرى مۇشۇ يەردە قويۇلغان، شۇنداقلا بىر قىسىم نادىر چەتئەل فىلىملىرى دەسلەپ بولۇپ مۇشۇ تىياتىرخانىدا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئورۇن جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى سان جەھەتتە كۆپ بولمىغان سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» ئۆز نۆۋىتىدە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى سېتىقچىلار، تاماشىبىنلار ۋە ساياھەتچىلەر توپلىنىدىغان بىر ئاۋات نۇقتا بولۇپ قالغان. «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» نىڭ ئالدىدىكى كېچىلىك بازاردىن تاڭ ئاتقۇچىمۇ خېرىدارلار ۋە سېتىقچىلار ئۈزۈلمىگەن بولسا، تىياتىرخانا يېنىدىكى ئاۋات كۈندىلىك بازار كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشىنىدىغان ۋە كۆزىتىدىغان بىر ئەپچىل ئىجتىمائىي كۆزنەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى بىرنەچچە ئالىي مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان بۇ تىياتىر ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بازارنىڭ 2000-يىللارغىچە بولغان مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا باغلىنىشلىق كۆپلىگەن ئەسلىمىلىرى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى كىشىلەرگە مەلۇم. ئەينى ۋاقىتتا زۇنۇن قادىرى، تۇرغۇن ئالماس، زوردۇن سابىر ۋە باشقا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئاۋاتچىلىقتىن قانچىلىك ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ تىياتىرخانىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى راھەتسىز قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە يېقىندا چەتئەلگە چىققان، شۇنداقلا ئىسمىنى ئاتىماسلىق شەرتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىنىڭ چېقىلىشى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇشۇ رايوندىكى سىمۋول خاراكتېرلىك يەنە بىر ئىمارەتنىڭ كىشىلەر خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇنىڭدا قانداقتۇر مەزكۇر ئىمارەتنىڭ كونىراپ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىدەك سەۋەب مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

خۇددى بۇ ئۇيغۇر زىيالىي «ئىتتىپاق تىياتىرى» نىڭ چېقىلىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مۇددىئاسى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، دەپ تەكىتلىگىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خەتەرلىك ئىمارەتلەرنى چېقىش» دېگەن نامدا قەدىمىي يۇرت قەشقەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر نامايەندىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئەھمەد ھاجىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.