10-دېكابىردا ئالمۇتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى جامالىدىن بوساقوفنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى. بۇ كېچىلىك قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. خاتىرە كېچىلىكىگە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى.
كېچىلىك قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇلۇقبەك ئېسداۋلېت ۋە «ئىتتىپاق» يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى پاتىگۈل مەقسەتوۋالارنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلاندى. قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، شائىر ۋە ژۇرنالىست ئۇلۇقبەك ئېسداۋلېت ئۆز سۆزىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپلىگەن يارقىن ۋەكىللىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ جامالىدىن بوساقوفنىڭ قازاقىستاندىكى چوڭ مىللىي ئەدەبىياتلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىشىغا چوڭ تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
جامالىدىن بوساقوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رەخمەتجان يۈسۈپوف دوكلات قىلدى.
ئاندىن سۆز ئالغان شائىر، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى باۋۇرجان جاقىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەمگىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىدۇر. 1951-يىلدىن تا 1979-يىلغىچە ‹جازۇشى› نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىراتىنى باشقۇردى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا چىققان كىتابلارنىڭ كۆپىگە قول قويدى، ئۇلارنىڭ مۇھاكىمىدىن ئۆتۈشىگە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى، پروزا ۋە دراما ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشقا چوڭ ھەسسە قوشتى. ئۇنى ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىشقا پۈتكۈل ئۆمرىنى بېغىشلىغان ئادەم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. جامالدىن بوساقوف ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئەسەر يازغان. ئۇ ئۇستاز سۈپىتىدىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە سەۋەب بولدى.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا ئالاش مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، يازغۇچى جانات ئەخمەدى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر-قازاق دوستلۇقىنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر بىلەن قازاق خەلقى تارىختا بىر-بىرى بىلەن ھېچ جەڭ قىلمىغان خەلق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە مۇناسىۋىتى ياخشى. جامالدىن ئاكا يۇمشاق ئادەم بولغان. شۇنچىلىك ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلغان. مەن بۇ كىشىنى نەشرىياتچىلار ئۆيىدە ئۇچرىتاتتىم. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ياخشى كونسېرتلارنى قويۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئويناپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، كەلگەن خەلقنى خۇشال قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى يىغىنغا مەن رازىمەن.»
مەزكۇر خاتىرە كېچىلىكىدە سۆزگە چىققان زىيالىيلار جامالدىن بوساقوفنىڭ يازغۇچىلىق، نەشرىياتچىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇنىڭ كەسپىي تەرجىمىچىگە خاس تالانتىنى، ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى ئەسلىدى.
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىمە گۈلنارا ئاۋۇتوۋا خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «جامالدىن بوساقوف ياشىغان دەۋر، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرى، پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، قازاقىستاننىلا مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بىزدە ئۇ ۋاقىتلاردا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمى، ‹جازۇشى›، ‹مەكتەپ› نەشرىياتلىرىدا ئۇيغۇر تەھرىراتلىرى، ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى، قازاق رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىشلەر، جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ‹كوممۇنىزم تۇغى›، يەنى ھازىرقى ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتى ئىشلەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا قۇددۇس غوجامياروف، زىيا سەمەدى، غوجائەخمەت سەدۋاقاسوفقا ئوخشاش شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان زىيالىيلىرىمىز خېلى بار ئىدى. مۇشۇنىڭ بارلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ھېزىم ئىسكەندەروف، ئىلىيا بەختىيا، مەسىمجان زۇلپىقاروف، ھېزىمەت ئابدۇللىندەك شائىرلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، دراماتورگلىرىمىز ئاز ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بارلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئابرۇيىنىڭ ئۆسۈشىگە زېمىن ياراتتى.»
جامالىدىن بوساقوف 1918-يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى قارى بوساقوف يەتتىسۇ تەۋەسىدە مەكتەپلەر ئېچىپ، مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقان تۇنجى زىيالىيلارنىڭ بىرى بولغان. جامالىدىن بوساقوف ئەنە شۇ دادىسى ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. ئاندىن ئۇ 1932-يىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشچىلار فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، پېداگوگىكا تېخنىكومىدا 1936-يىلغىچە ئوقۇشنى داۋام قىلغان. جامالىدىن بوساقوف ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مەكتەپتە مۇئەللىم، مۇدىر، ئاندىن ناھىيىلىك مائارىپ بۆلۈمىدە ئىنسپېكتور بولۇپ ئىشلىدى. 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە ئىگىلىكنى باشقۇرغان.
گۈلنارا ئاۋۇتوۋا سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «جامالىدىن بوساقوف ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ، پروزا ساھەسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي ئېتىشىگە سەۋەب بولغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ھېكايە، پوۋېست ۋە رومان ژانىرلىرىدا ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى، ئەمگەكتىكى قەھرىمانلىقىنى، ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ھەققانىي تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان ھەسسىسىنى ئاساسەن ئۇنىڭ پوۋېست ۋە رومانلىرى مىسالىدا كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باشقىلاردىن پەرقى شۇنىڭدىكى، ئەدىب ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ يېڭىلىقلارغا، ئۆزگىرىشلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى يارىتىشقا، ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھاياتى ۋە ئەمگەك پائالىيىتى، مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان. مەسىلەن، ‹يالقۇن› پوۋېستىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، كۆرنەكلىك شائىر ۋە يازغۇچى ئۆمەر مۇھەممەدىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولسا، ‹ «بىزنىڭ سۈلھى› ئەسىرىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قەھرىمان ئاتىقىنى ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى سۈلھى لۇتپۇلىننىڭ ئوبرازى گەۋدىلەنگەن.»
گۈلنارا ئاۋۇتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، يازغۇچىنىڭ «مۇئەللىملەر» رومانىدا ئىلغار مەرىپەتچى بۇرھان قاسىموفنىڭ، «خەلق ھاپىزى» پوۋېستىدا قازاقىستان خەلق ئارتىسى ئەخمەت شەمىيېفنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «كۆچ-كۆچ» رومانىدا بولسا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى يورۇتۇلغان بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆچ-كۆچ تارىخىغا بېغىشلىغان تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
جامالىدىن بوساقوف 1951-يىلى ئالمۇتاغا كۆچۈپ كېلىپ، تا 1979-يىلغىچە «جازۇشى» نەشرىياتىدىكى ئۇيغۇر تەھرىراتىنى باشقۇرغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرىنى پۈتۈنلەي ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تەرجىمىچىلىكتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. يازغۇچى شۇنداقلا مىللىي دراماتۇرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان. ئۇنىڭ «قاينام»، «نۇزۇگۇم» درامىلىرى ئۇيغۇر سەھنىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان ئەسەرلەردۇر. جامالدىن بوساقوف 1987-يىلى 68 يېشىدا ۋاپات بولغان.