ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نى خاتىرىلىدى
2018.11.12

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئىپتىخارلىق ئىچىدە قۇتلايدىغان بىرقانچە خاتىرە بايراملار بار. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1933-يىلى ۋە 1944-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىملىق مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى جەريانىدا قۇرۇپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دۇنياغا كەلگەن 12-نويابىر خاتىرىسىدۇر. بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە بۇ بايرامنى خاتىرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان ئېھتىرامىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى نامايان قىلدى.
يىللاردىن بۇيان «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نى خاتىرىلەشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتونغا يېقىن فايرفاكس شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ رىياسەتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقى» نى ئېلىپ كىرىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى» نىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تۆتەيلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن زالغا ئېلىپ كىرگەندە پۈتۈن زالدىكىلەر گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى. بايراق ئېلىپ كىرىش مۇراسىمىغا ئۇلاپلا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» نىڭ ياڭرىشى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئارقىدىن رىياسەتچى ئېلشات ھەسەن «ئىككى جۇمھۇرىيەت» ھالاك بولغاندىن كېيىنكى رېئاللىق ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلىپ، شۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ھارپىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىمۇ كۆزىدىن ياش ئاقمىغان بىرمۇ ئىنسان قالمىغانلىقىنى، ئېغىر باستۇرۇش، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، ئەنە شۇ خىل زۇلۇملار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كېلىپ، ئۆز جۇمھۇرىيىتى ئاپىرىدە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئەنە شۇ خىل باستۇرۇشلارنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن تىرىك شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇننى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرغاچ، ئۇنىڭ قاتمۇ-قات قۇربانلارنى بەرگەن تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا زۇلۇمنى پاش قىلىش ئىرادىسىدىن قايتمىغانلىقىدەك شىجائىتىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا نيۇ-يوركتىن ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان شۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مويسىپىتى غۇلامىدىن پاختا ئاكا ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئېلشات ھەسەن غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتىنى مىسال كەلتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك ئارزۇسىنىڭ ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاخىرقى غەلىبىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇشى ھەققىدىكى ئۈمىدۋارلىق قوشۇلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا ۋە نىجاتلىققا چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ تەربىيەسى ۋە تارىخ ھەققىدىكى بىلىملەرنى كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز تارىخى، بولۇپمۇ «ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت» نىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەرسىز قېلىشىدەك پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر قىسىم ياشلاردىمۇ ئورتاق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەسئەت سۇلايمان بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا 1944-يىلى 12-نويابىردىكى ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن بەش يىل داۋام قىلغان بۇ جۇمھۇرىيەتكە نىسبەتەن شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاستا ۋە مەيداندا بولغانلىقى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.
پائالىيەت جەريانىدا ئامېرىكىغا ئەڭ دەسلەپ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولغان غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋام ئەتتۈرۈپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر داۋاسىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىدەك كۆپ تەرەپلىمە تۆھپىلىرىگە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن غۇلامىدىن پاختا ئاكىغا تون كىيگۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا زالدىكىلەر يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى. ئۇيغۇر جامائىتى ئالايىتەن تەييارلىغان تون ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن غۇلامىدىن ئاكىغا كىيدۈرۈلگەندە غۇلامىدىن ئاكا قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزىگە بۇ قەدەر ھۆرمەت كۆرسىتىشىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ھاياجاندىن كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى كۆرگەن جۇمھۇرىيەت خاتىرىسىنى، جۈملىدىن شۇ جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن قانچىلىغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ئىسسىق جانلىرى ۋە قانلىرى ئاققانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردا ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن جەسەتلەر ئارىسىدىن قانداق ئۆتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۇمامە ئوسمانمۇ سەھنىگە چىقىپ بۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىسى سۈپىتىدە مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى يادقا ئوقۇپ بەردى. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلدا قىلغان دېكلاماتسىيەسى زالدىكى مېھمانلارنىڭ قىزغىن چاۋاكلىرىغا مۇيەسسەر بولدى.
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا ماس ھالدا ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇلارغا ۋاكالىتەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەلفىدار ئىلتەبىرمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەسلىكىنى، ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ بۇ جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئۆزى ۋە باشقا ياشلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە كۆپلىگەن مەكتۇپلارنى يېزىپ يوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجابىي نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتىكىدەك ئۇيغۇرلار ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتتە تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىردى.
پائالىيەت ئارىلىقىدا كۆپچىلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى خالىس تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇرچە غىزالارغا ئېغىز تەگدى. بىز بۇ پۇرسەتتە غۇلامىدىن ئاكىنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر سىياسىي باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى قىيناش بىلەن بىرگە يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى تېخىمۇ ئويغىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ ئۆم ۋە ئىتتىپاق بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا بۈگۈنكى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە بەكمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر ياقتىن بۇنىڭ بىر قىسىم ياشلاردىكى مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىدا بايراقدار شەخسلەردىن بولۇپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم بەزى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى. ئەمما ئۇنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە فېيسبوك ئارقىلىق تارقاتقان «جۇمھۇرىيەت تەبرىكى» رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۈرىكى ھەرقاچان ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن باراۋەر سوقىدىغانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى يەنە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆز ئالدىغا «ئىككى جۇمھۇرىيەت» بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتنىڭ ئەھۋالى فېيسبوك ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان.