ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تارىخىي ساۋاقلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا بەدەل تۆلىگەن ئەجدادلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە تارىخىي ساۋاقلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خەتمە قۇرئان قىلىندى ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى، ئۇ سۆزىدە 1933-يىلى، 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، ئەسلىدە بۇ كۈندە چوڭ خەلقئارالىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆر، مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان بىر كۈن، دىنى ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن مىللىي جەھەتتىن بولسۇن مۇشۇنداق بىر مۇھىم بىر كۈننى ئاددىي ۋە كىچىك ئورۇنلاردا ئاددىي ئۆتكۈزۈش بىزلەرنىڭ كەمچىللىكىمىز دەپ ئويلايمەن، ئەسلىدە بۇ، ئەڭ ئەقەللىي، ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن تۈركىيەنى ئوز ئىچىگە ئالغان چوڭ كونفىرىنسىيە شەكىلدە بولۇشى ۋە ياكى خەلقئارا سەۋىيىدىكى كونفىرىنسىيە بولۇشى كېرەك ئىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە تارىختا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ توغرا ۋە راستچىل داۋا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغان ۋە قۇرۇشقا قاتناشقانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە 12-نويابىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاددىي بىر كۈن ئەمەسلىكى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقنى دۇنياغا جاكارلىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئالاھىدە بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مۇراسىم جەريانىدا تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

يىغىندا يەنە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەرلەردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى قاتارلىق شەخسلەرمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەپ سۆز قىلدى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە تارىخىي ساۋاقلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە خوجا نىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام توغرىسىدا سۆز قىلىپ بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ، خوجا نىياز ھاجىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق، ئۇنىڭ كۈرەش قىلىش يولىدىن يانماي، ئاخىرىدا قۇمۇلدا باشلانغان چوڭ بىر ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سابىت داموللامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، سابىت داموللامنىڭ شۇ دەۋردىكى پۈتۈن كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق ئىنقىلابچىلار باشچىلىقىدا 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى بۇ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش يولىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شۇ دەۋردىكى ۋەزىيەت قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.