ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان كۈن بولۇپ، ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىغىن-مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن ئەتىگەن سائەت 09:00 دا باشلانغان بولۇپ ئۇيغۇرلار مىللىي دوپپىلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلار بىلەن زالغا كىرىپ ئورۇن ئالدى.
يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يىغىندا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلار سەھنىگە چىقىپ ئىستىقلال مارشىنى جاراڭلىق ئوقۇدى. يىغىن ئەھلىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىستىقلال مارشىنى بىرلىكتە ئوقۇدى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەم 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن ئۆسمۈرلەر يەنە تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بىر تۈركۈم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1994-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرى تەقدىم قىلدى.
تۈركىيە قاھرامانماراش سۈتجى ئىمان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا، «1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قانۇنلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى. دوكتور ئالىمجان يەنە خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دەسلەپتە ھەرىكەتنى بىرلىكتە باشلىغانلىقىنى، شۇ دەردە نەشر قىلىنغان «ئىستىقلال» مەجمۇئەسى قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەلىل پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىلمىي خادىمى ». رەخمەتجان يۈسۈپوف، «1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى، 1949-يىلى خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان ئامىللار»، دېگەن تېمىدا. مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار، «تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ كۈرەش ۋە مۇجادىلىمىزدىكى رولى»، دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.