خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە چىققانسېرى بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋەيران قىلىنىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم «تارىخشۇناس» لار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قەلىمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نى يەنە بىر قېتىم كۈچەپ بازارغا سېلىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
5-نويابىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «نۇر گېزىتى» دە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «تارىخشۇناس» لىرىدىن تيەن ۋېيجياڭ ۋە مۇرات ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئەنە شۇ خىل قاراشلار نۇقتىلىق ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشقان ئىكەن. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن» ئۇيغۇرلار دىيارىنى ساك، توخرى، ھون، تۈرك قەبىلىلىرى، ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ۋە چوڭ دەشتنىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى كۆچمەن خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئورتاق گۈللەندۈرگەن ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار تۈرك خانىدانلىقىنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن ھېچقانداق ئېتنىك باغلىنىشقا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
خىتاي تارىخشۇناسلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاشۇ قەدىمىي تارىخلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدە ئىتائەت قىلغۇچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇرۇنۇشى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى بىز ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئالىملىرىدىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كرىستوفېر بېكۋىز (Christopher I. Beckwith) غا سۇندۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بىر ماكاننىڭ «ئەزەلدىن بىر دۆلەتكە مەنسۇپ بولمايدىغانلىقى» ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغانمۇ، دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بۇ پۈتۈنلەي يالغان. قەدىمكى ۋاقىتلاردا خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشىنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇ جايدىن ھالقىغان ھالدا پەرغانە ۋادىسىغا كېڭەيتمەكچى بولغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھونلارمۇ ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلغان. شۇڭا ئاشۇ مەزگىللەردە خىتايلار ھەمدە ھونلار شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشنى تالاشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى شەرقىي تۈركىستاننى ھەقىقىي يوسۇندا كونترول قىلىپ باقمىغان. ئەمما قايسىلا ۋاقىتتىن باشلانغان بولسۇن، بۇ جاي خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولغان ئەمەس.»
پروفېسسور بېكۋىزنىڭ پىكرىچە، 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي تارىخنامىلىرىدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان بۇ دائىرىنى تالاشقۇچى خەلقئارالىق كۈچلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۇھىم كۈچ قەدىمكى ئۇيغۇرلار بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە كەلگەندە تاڭ سۇلالىسى يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيگەن. ئەمما مۇشۇنىڭدىن سەل كېيىنكى ۋاقىتلاردا تىبەتلەر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ رايونغا كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ زور كۈچلەر شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كونتروللۇقنى تالىشىپ جەڭلەرگە چۈشكەن. پامىر تاغلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە بولسا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا كېڭىيىۋاتقان ئەرەبلەر تاغلاردىن ئېشىپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان. تارىخنامىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈچلەرنىڭ ھەممىسىلا شەرقىي تۈركىستاننى تالىشىپ ئۇرۇشقان. شۇ مەزگىللەردە تاڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاندا بىرنەچچە ھەربىي پونكىت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئارىدىن نەچچە ئون يىللار ئۆتكەندە تىبەتلەر تاڭ سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ جايلاردىن قوغلاپ چىقارغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولغان. تىبەتلەر ياكى باشقا بىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئىشمۇ يوق. ھۆكۈمران بولغانلار بار دېيىش توغرا كەلسە تۈركلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.»
ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر رايون بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى 840-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغان. ئۇيغۇر ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى كۆك تۈركلەرنىڭ بۇ جاينى ئانا ماكان قىلىشى ئارقىسىدا بۇ جايلارغا قوشنا بولغان تىبەت رايونىدىكى قەدىمىي مەنبەلەردە بۇ جاي ئىزچىل «تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلىدىكى غەربكە كۆچۈشىدىن كېيىن بۇ جايدا خىتاي دۆلىتىنىڭ تەسىرى ئاساسەن سىقىپ چىقىرىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا قەدىمكى تىبەت تارىخىي مەنبەلىرىدە بۇ جاينى بىردەك تۈركىستان، يەنى تۈركلەرنىڭ يېرى دەپ ئاتىغان. بۇ ھەممىلا تىبەت مەنبەلىرىدە ئاساسەن ئوخشاش، گەرچە بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ئىنسانلار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسىمۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاھالىسى ئىچىدە تۈرك بولمىغان كۆپلىگەن خەلقلەر، مەسىلەن، خوتەنلىكلەر، توخارلار، سوغدىلار دېگەنلەر بار ئىدى. تۈركلەر بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆپرەك ئىدى. ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دەرۋەقە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچتى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بۇ جاي بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشقا باشلىدى. يەنە كېلىپ تىبەت ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خان ئۇرۇقىدىن بولغانلار ھازىرقى كۇچا ۋە تۇرپان تەۋەسىگە كۆچتى ھەمدە شۇ جايلارنى ماكان تۇتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ ھېچقانداق تەسىرى مەۋجۇت بولمىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، لى پېڭشىننىڭ ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن «بىز ھەرقاچان ‹مەن جۇڭگولۇق›، ‹دۆلىتىم جۇڭگو›، ‹مىللىتىم جۇڭخۇا› دېگەنلەرنى مەھكەم ئەستە ساقلىشىمىز لازىم» دېگەن قۇرلارنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار 1940-يىللاردا ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «مىللىتىم تۈرك، دىنىم ئىسلام، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تارىخىي شوئارنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00