كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار (2)

0:00 / 0:00


كابۇلدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى توكيوغا يوللىغان مەخپىي نۇمىرى 29 لۇق تېلېگراممىسىدا «مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ياۋروپا تىللىرىدىن خەۋەرسىز، ئەمما ئۇ، پارس، تۈرك تىللىرىغا مۇكەممەل. ئۆزى بولسا ئادىل، سەمىمىي، راستچىل ۋە ئۆز يۇرتىنى سۆيىدىغان ئادەم» دېيىلگەن.

تېلېگراممىدا يەنە «سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى ئەنگىلىيىنىڭ «كۈچۈكى، قونچىقى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەليەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ،ئەنگىلىيىنىڭ «كۈچۈكى،قونچىقى» دېگەنلەر پەقەتلا ئۆز يانچۇقىنى پۇلغا تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان رەھبەرلەردۇر. مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بولسا ئەنگىلىيەمۇ قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇ «دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان زات>» دېيىلگەن.

ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىروغا يوللىغان مەخپىي نۇمىرى 1236 بولغان تېلېگراممىسىنى كابۇلدىكى ياپون ئەلچىخانىسىنىڭ پارىس تىلى تەرجىمانى ئاساكۇرا نوبۇتوشى تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن يوللانغان 52 بەتلىك تېلېگرامما «خوتەن ئەمىرىنىڭ مەكتۇپلىرى» دېگەن نامدا بولۇپ، مەزكۇر تېلېگرامما ناھايىتى مۇھىم تېلېگراممىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىرو باشلىق بارلىق رەھبەرلەر ئايلانما شەكىلدە بۇ تېلېگراممىنى ئوقۇپ چىققان.تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىرو بۇ دوكلاتقا « شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى» دەپ نام بەرگەن.

«خوتەن ئەمىرىنىڭ مەكتۇپلىرى» نامىدىكى تېلېگرامما ئاساسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋىي مەكتەپلەرنىڭ يوقلۇقى، شۇ سەۋەبتىن ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، تۈرلۈك مەدەنىي يىغىلىشلارنىڭ مەنىي قىلىنىپ كىمىكى ئىش چىقارسا ۋەقە سادىر قىلدى، دېگەن باھانە - سەۋەب بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغان تەغدىردىمۇ مەڭگۈلۈك تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دوكلاتتۇر.

كىتادانىڭ 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يوللىغان «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە خوتەن ئەمىرى» نامىدىكى مەخپىي تېلېگراممىسىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ؛«مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ناھايىتى ئېسىل ئادەم. ۋەتەن سۆيەر، راسچىل، ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرى توغرا» دېيىلگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان «شىنجاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانى» دېگەن مەخپىي ماتېرىيالمۇ ئەسلى «خوتەن ئەمىرىنىڭ پىلانى» ناملىق پارس تىلىدا يېزىلغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيال بولۇپ، بۇ ماتېرىيال «كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىكى پارس تىلى تەرجىمانى سايتو تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەخپىي ماتىريال» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كابۇلدىكى ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ قوليازمىسىمۇ بار بولۇپ، ماتېرىيالنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن.

مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدا ئۇچراشقان ۋاقتىغا ئاساسەن، بۇنى تەخمىنەن 1936 - يىلى بىلەن 1938 - يىلىنىڭ ئارىلىقىدا يەنى مارت ئايلىرىدا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

مەزكۇر مەخپىي ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋرو - ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرىنچى بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسىمۇ قويۇلغان. ماتېرىيالغا «مۇتلەق مەخپىي» دېگەن تامغا ئۇرۇلغان.

ئۇندىن باشقا، كابۇلدىن توكيوغا ئەۋەتىلگەن مەخپىي تېلېگراممىلار ئىچىدە «ئۇزاقتىن بېرى جۇڭگونىڭ كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامدىكى مەخپىي تېلېگراممىمۇ بار بولۇپ، تېلېگراممىدا «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللاپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ باستۇرۇشلارغا يار - يۆلەكتە بولۇۋاتقانلىقى، كوممۇنىستلارنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن بىر بالايى ئاپەت ئىكەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

بۇ تېلېگراممىدا يەنە؛ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجلىقىنى،ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلغار قورال - ياراق بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ «ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ياپونىيە ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىغا يېتىپ كەلسە، بىز بىرلىكتە كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇپ جەڭ ئېلىپ بارىمىز. ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىمىز، بىز ياپون ئارمىيىسىنىڭ ۋەتىنىمىزگە كېلىشىگە مۇھتاج. ئەگەر بىز ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ رېجىمىدىن، خىتايدىن قۇتۇلساق، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ۋە ھاكىمىيىتىنى قۇرساق. بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئارمىيىمىزنى تەربىيىلەپ بېرىشىنى سورايمىز. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مۇھتاج. كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، سانائەت، دېھقانچىلىق، تۆمۈر يول، كۆۋرۈك ياساش قاتارلىق بارلىق تېخنىكىلىق جەھەتلەردە بىز ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە،ياپونىيىنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ياپونىيىنىڭ سەمىمىي،راستچىل دوستى بولۇشقا ھەر زامان تەيياردۇر. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىدۇ ۋە بەھرىمەن قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ھېچقانداق ئىمتىيازلارنى بەرمەيدۇ» دېيىلگەن.

ياپونىيىدە ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيىگە يېقىنلىشىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- مۇئەھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ياپونىيىگە يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مەنپەت بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن. ئۇ،خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياپونىيىنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلىپ، ياپونىيىنىڭ كۈچى بىلەن قۇرۇلغان مانجۇرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلھام ئېلىپ ياپونىيىگە يېقىنلاشقان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.