كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار (4)

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى پان ئاسىيائىزم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان سىياسىيون ئوكاۋا شۇمېئى «ئاسىيانى قايتا قۇرۇپ چىقىش» دېگەن دوكلاتىدا ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدا ئۇچرىشىشى تاسادىپىي ئىش بولماستىن، بەلكى سىياسىي زۆرۈرىيەتتىندۇر. ئەگەر سىز ئافغانىستان چېگرىسىغا نەزەر سالسىڭىز، ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرىسىدىكى ۋاھان كارىدورى گويا بىر قۇيرۇققا ئوخشايدۇ. ۋاھان كارىدورىنىڭ شىمال تەرىپى تاجىكىستان، جەنۇبى پاكىستان بولۇپ، بۇ يەردە ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە تولىمۇ قىزىقارلىق سىياسىي ئويۇن باشلىغان. ئافغانىستان پادىشاھى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ياپونىيەگە يېقىنلىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان» دېگەن.

ئوكاۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئافغانىستان بىلەن 1928-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، 1934-يىلى 11-ئايدا كابۇلدا تۇنجى ياپون ئەلچىخانىسى ئېچىلغاندا ئىلگىرى تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ياپون ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن قاتارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشقان دىپلومات كىتادا ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كىتادا كابۇلغا يېتىپ بارغان چاغدا كابۇلدا «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، مىسىر، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئۆز-ئارا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلاش جېڭى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.»

ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكېئۇچى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەرەب تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ، 1940-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى توكيوغا يېتىپ كەلگەندە ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋالغان. 1939-يىلى 11-ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار كۆرگەزمىسىگە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق توققۇز نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق قاتناشقان. ئۇلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىپ ئىمزا قالدۇرغان» دېيىلگەن.

1937-يىلىدىن باشلاپ مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن تاكېئۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇت مۇھىتى ياپونىيەگە كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن. بۇ خەۋەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى باشلىق 13 كىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياپونىيەدىن بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان.

تاكېئۇچىنىڭ 1943-يىلى بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى 1943-يىلى ئۆلگەن» دېيىلگەن. تاكېئۇچى بۇ چاغدا بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن يۆتكىلىپ كۆكخوتقا بارغان. ئۇ كۆكخوتتىكى ئۇيغۇرلاردىن داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ ياپون ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تۇرغان.

مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە مۇھىتىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار مەھمۇت مۇھىتىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ ئوغلى يەنى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نەۋرىسى مەخسۇت مۇھىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

سىياسىيون ۋاكى ساكانىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى» نامىدىكى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئەينى يىللاردا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ۋاكى ساكا ئۆزى بىرلىكتە مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى، مەھمۇت مۇھىتى تارىختىكى ياپون قەھرىمانى ساكانوئۇئېنو تامۇرا مارونىڭ رەسىمىگە قاراپ «بۇ كىشى ماڭا ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيەدىكى بەزى ئارخىپلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو ئۆزىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياشاراخۇن، ياقۇپاخۇن ئىسىملىك ئىككى كىشى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكىگەن. ئۇلارنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوتتىكى «ياپونىيە غەربىي شىمال تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى كومۇرا كۈتۈۋالغان. كومۇرا ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، «ياپونىيە مۇداپىئە كارىدورى قۇرۇش كومىتېتى» نىڭ مەخپىي ئادىمى ئىدى. ئۇندىن باشقا، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تۆمۈر يولى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان تاكېئۇچىمۇ بېيجىڭدىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كۆكخوتقا بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن «ھىندىستان-شىنجاڭ يولى» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ تاماملىغان.ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «ئۇيغۇر نامى ۋە شىنجاڭ» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ ياپونىيەنىڭ «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» غا يوللىغان.

بەزى ماتېرىياللاردا «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» نىڭ خىزمەتچىسى شىگى كاۋا جۇڭگو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، جۇڭگودا قۇرۇلغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تارمىقى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ، «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلار فوندى» بولۇپ، «ياپونىيە بۇ فوندىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مەخپىي قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن» دېيىلگەن.

تاكېئۇچىنىڭ مەلۇماتلىرىدا؛ «ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتقان. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېيىلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.