كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار (5)

0:00 / 0:00

كابۇلدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىسى كىتادا 1938-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىسىنى تاماملاپ توكيوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «نۆۋەتتىكى ئاسىيادىكى مەسىلىلەر» ناملىق دوكلاتىدا «ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورى كەلگۈسىدە ياۋرو-ئاسىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھاۋا يولى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدۇ» دېگەن.

بەزى ساقلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مانجۇرىيىدىكى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇلىيەگە ئالاھىدە خىزمەتكە ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە ئايرودروم قۇرۇش پىلانىنى پىلانلاشقا بەلگىلەنگەن، ھىكى ھىسائو نىڭ «ئاسماندىكى يىپەك يولى» دېگەن دوكلاتىدا «ياۋرو-ئاسىيا ھاۋا يوللىرى تۇتىشىدىغان يەنى ياپونىيە ھاۋا يوللىرى بىلەن گېرمانىيە ھاۋا يوللىرى ئۇچرىشىدىغان يەر-ۋاخان كارىدورى توغرىسىدا 1936-يىلى 12-ئايدا مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرى بىلەن گېرمانىيە لۇفتخانسا ھاۋا يوللىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ «ياپونىيە-مانجۇرىيە-گېرمانىيە ھاۋا يولى كېلىشىمى» تۈزۈلگەن. بۇ كېلىشىمنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاياشى سەنجېرو قوللاپ قۇۋەتلىگەن. باش ۋەزىر ھاياشى سەنجېرونىڭ قارىشىچە بولسا ياپونىيەنىڭ مەقسىتى مۇداپىئەلىنىش كارىدورى قۇرۇش بولۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا ھاۋا يوللىرى تۇتىشىدىغان جاي، مانجۇرىيەدىن ئىچكى موڭغۇلغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن كابۇلغىچە بولغان ھاۋا بوشلۇقى ئاساس قىلىنغان بۇ ھاۋا يولى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيە تۆمۈر يولىغا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ھىندى ئوكيان يوللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ،بۇ، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاسماندا يىپەك يولى قۇرۇش پىلانى شۇنداقلا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە ۋاخان كارىدورىدا ئۇچرىشىپ بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بېرىش نىشانى ئىدى» دېيىلگەن.

توكيودا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردا مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا ياپونىيەگە كەلگەن 15 كىشىدىن توكيودا قالغان قەشقەرلىك مۇھەممەد ئىمىن ئىسلام، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى، توختى بەگزادە قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. قەشقەرلىك مۇھەممەد ئىمىن ئىسلام ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن ھازىرقى توكيو جامىسىنىڭ يېنىدىكى يويوگې مەسچىتىدە ئىلگىرى رۇسىيىدىن كەلگەن ئىسلام ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان. ئابدۇرېشىت ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ مەسچىتتە ئىماملىق قىلىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەككىگە بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇھەممەد ئىمىن ئىسلامنىڭ «مۇھاجىرەتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز» ناملىق ئەسىرى 1941-يىلى توكيودا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ياپونچە-ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا بېسىلىپ، يويې مەسچىتىدە تارقىتىلغان. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت يازغان ئەسلىمە ئەسىرى ياپونىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسۇلىغا تاپشۇرۇلغان.

مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى توكيودا 1941-يىلى ۋاپات بولغان. توختى بەگزادە 1955-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ يېنىغا دەپن قىلىنغان. توختى بەگزادىنىڭ بايان قىلىشىغا ئاساسەن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە شەجەرىسى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق تراگېدىيىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيەدىكى ژۇرناللاردا بېسىلغان.

مۇھىتىلار جەمەتىدىكى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نەۋرىسى مەخسۇت مۇھىتى مەرھۇم تاغىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ۋە توختى بەگزادىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
خىتاينىڭ يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللىرىدا مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ياپونىيەگە كېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، پان تۈركىزمنى تەرغىب قىلىپ پاناسىيائىزم ھەرىكىتىنى قوللاپ توكيودا يىغىنغا قاتناشقانلىقى ۋە شۇنداقلا توكيودا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق مەركىزىنى قۇرۇپ بۇ مەركەزنىڭ رەئىسلىكىگە مەھمۇت مۇھىتى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كابۇلدا تۇرۇۋاتقان خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سايلانغانلىقى توغرىسىدا توختالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ياپونىيەدە ساقلىنىۋاتقان ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت تارىخى ئارخىپ ماتېرىياللاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئارخىپ بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردىمۇ خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق پاكىتلىق ماتېرىياللار يوق.

ساقلىنىۋاتقان بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا پەقەتلا ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ھاياشى سەنجېرونىڭ «كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇشتا ئۇيغۇرلار ياپونىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى» دېگەنلا سۆزى بار.

ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس سۇگاۋارا جۈن ياپونىيە ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالنىڭ 2005-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيىسى» ناملىق ماقالىسىنىڭ خۇلاسىسىدە مۇنداق بايان قىلغان: «كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى، بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملار ئازىيىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرمۇ ھەتتا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىشلارمۇ ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان ھەم ھازىرغىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان. ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ پايدىلىنىشقا دىققەت قىلغان. ھازىرقى ياپونلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشى قانداق؟ ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكى ياپونلاردەك چۈشىنىمىزمۇ دەپ سورىغۇم كېلىدۇ.»

توكيودا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزكۇر ماتېرىياللاردىن خەۋەردار مىساكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن 21-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە، ياپونىيە خەلقىگە يوللىغان ئادالەت مەكتۇپلىرىنىڭ توكيودىكى ئارخىپ ماتېرىياللار بۆلۈمىدە ساقلىنىپ قالماي، بەلكى تېزرەك ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.