كەنجى ھېلىم ئۈرۈمچىدىكى «ياشلار تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى (3)

0:00 / 0:00


1940 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەرىكەت قىلغان «ياشلار تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ بىرى كەنجى ھېلىم گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى ئۇنۋانىدا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاۋابكار لاۋازىمىدا خىزمەت قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدا باسقۇنچىلارغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشىدىن روھلانغان تەشكىلات ئەزالىرى ئۆز ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

شۇ ھەرىكەت بېشىدا تۇرغانلارنىڭ بىرى كەنجى ھېلىم قانداق ئادەم بولغان؟ ئۇنىڭ جەسۇرلۇقى نېمىدە كۆرۈندى؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كەنجى ھېلىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن رازاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل روزىيېفلار بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.