بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئوپېراتور مۇكاپاتقا ئېرىشتى
2013.02.20
«تېنگرىنيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گېرمانىيىدە بولۇپ ئۆتكەن «ئاق ئېيىق» خەلقئارا 63-كىنو فېستىۋالغا قاتناشقان 400 گە يېقىن فىلىملەر قاتارىدا قازاقىستانلىق رېژىسسور ئەمىر بايغازىننىڭ «ئاھاڭداشلىق ساۋاقلىرى» ناملىق فىلىمىمۇ قويۇلدى.
مەزكۇر فىلىملەر ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى سېنارىيە، ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، ئەر كىشى رولى، ئايال كىشى رولى قاتارلىق بىر نەچچە يۆنىلىشلەر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باھالىغۇچىلار بالىلار ھاياتىغا بېغىشلانغان «ئاھاڭداشلىق ساۋاقلىرى» فىلىمىنىڭ ئوپېراتورى ئەزىز جانباقىيېفنىڭ ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا «كۈمۈچ ئېيىق» مۇكاپىتىنى بەرگەن. ئە.جانباقىيېف مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز ئېلىپ، فىلىم ئۈستىدە ئىشلىگەنلەرگە، شەخسەن «قازاقفىلىم» كىنو ستۇدىيىسى پرېزىدېنتى ئېرمېك ئامانشايېفقا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. «لېنتا رۇ» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستانلىق فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگىكى مۇنداق دائىرىدىكى مۇسابىقە پروگراممىسىغا دەسلەپكى قېتىم كىرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىشىكتە شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى مەھەممەتجان جانباقىيېف بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.