«بىر پاجىئە، 40 سۆز-شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

«بىر پاجىئە، 40 سۆز-شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب يېقىندا تۈركىيەنىڭ تىرابزۇن شەھىرىدە نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب «40 لار كۇلۇبى» دېگەن ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىيەدىكى 40 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان 40 پارچە ماقالىدىن تەركىب تاپقان.

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كىتابتا «كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «كۈن چىقىشتىكى شەرقىي تۈركىستان»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۈنسىز پەريادى-شەرقىي تۈركىستان»، «شەرقىي ئاسىيادىكى تۈرك يۇرتى»، «زالىملار ئۈچۈن ياشىسۇن جەھەننەم»، «شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»، «جېنىم تۈركىستان» قاتارلىق تېمىلاردىكى 40 پارچە ماقالە ئورۇن ئالغان.

بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، جۇغراپىيەسى، ئىجتىمائىي ھاياتى، ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئەتراپلىق ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىتابنى ئوقۇغانلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قەدەر تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولىدىكەن.

بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تارىختا ۋە بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا قارشى زۇلۇم مەلۇم جۇغراپىيەلەردە 60 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ جۇغراپىيەلەردىن بىرى خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان، ئۇ يەر تۈركىيە سىرتىدا ئەڭ كۆپ تۈركلەر ياشايدىغان زېمىن.»

كىرىش سۆزدە يەنە مۇنۇلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «ياشاش ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، روزا تۇتۇش چەكلەنگەن، خەلقنى ئىمانىدىن، دىنىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تۈرلۈك قىلمىشلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. قايغۇ-ئازابنىڭ دىنى، رەڭگى، ئىرقى بولمايدۇ. ‹40 لار كۇلۇبى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زۇلۇمنى توختىتالمىساقمۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 40 يازغۇچىنىڭ قەلىمى بىلەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.»

بىز كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان «40 لار كۇلۇبى» نىڭ باشلىقى يۇنۇس جۇشقۇن ئەپەندى ۋە بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئاخىرقى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەنشۇرە يىلماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: «بىر پاجىئە، 40 سۆز-شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتاب قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كىتاب توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەمسىز؟
يۈنۈس جۇشقۇن ئەپەندى: «بىر پاجىئە، 40 سۆز-شەرقىي تۈركىستان» نامدىكى بۇ كىتابىمىز شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى چەكلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىلدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ كىتاب ئارقىلىق ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن توغرىسىدا كىتاب نەشر قىلىپ تارقاتقان ئىدۇق. ئەمما مەزلۇم جۇغراپىيەلەرنى قاتارغا تىزغاندا شەرقىي تۈركىستان ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، ئەمما كېچىكىپ قالغان بولساقمۇ ۋاقتىدا نەشر قىلدۇردۇق دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇماتىڭىز بارمۇ؟ نېمىلەرنى بىلىسىز؟
يۇنۇس جۇشقۇن ئەپەندى: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇماتىمىز چەكلىك، خىتاي بۇ رايوننى سىرتقا قارىتا تاقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دىنى ئىبادەتلىرىدە، ساياھەت ئەركىنلىكى ۋە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ھايات ساھەسىدە ئارزۇ قىلغاندەك ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ سۈرگۈن بولۇپ يۇرتلىرىدىن ئۇزاق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، خىتاي بۇ رايوندا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. تۈركىيە ئۇ يەرنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئۇزاقلىقى ۋە كۈچىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى جەھەتتىن ياردەم قىلالمايۋاتىدۇ، ئۇ يەردە مۇداخىلە قىلغۇدەك ئىمكانىيىتىمىز يوق، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز تارىختىكىگە ئوخشاش بىر كۈنى ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قەلەم تەۋرىتىش، سۆز قىلىش ۋە ياكى ئىش-ھەرىكەتتە نېمە كېرەك بولسا ئۇنى قىلىشقا تەيياربىز.

مۇخبىر: سىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلىغان بولساق؟

يۇنۇس جۇشقۇن ئەپەندى: ئەسلىدە، بىزنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلقىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن ئىش قىلالايدۇ. نامايىش قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، ھەر خىل تېمىلاردا ئەسەرلەر يېزىپ تارقىتىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلالايمىز. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا يەرشارىلىشىپ بىر كەنت ھالغا كەلدى. بۇ مەسىلىنى بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، خىتاي دۆلىتى قانچە يىلدىن بۇيان كۈچلەندى دەپ تەپتارتىشنىڭ مەنىسى يوق. تارىختا رۇمغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىمپېراتورلۇقلارنىڭ ھەممىسى يىقىلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتايمۇ يىمىرىلىدۇ. مەن كۆرگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بەك جاسارەتلىك ئىنسانلار، ئۇلار جەم بولۇپ بىر ئىش قىلاي دېسە ئەلۋەتتە قىلالايدۇ، بۇنداق دېگىنىم قولىغا قورال ئالسۇن دېگەن مەنىدە ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە قورالسىزمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن دۆلەت ۋە خەلقىمىزدە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئاڭ-تۇيغۇ پەيدا قىلىش كېرەك، دىققىتى تارتىلسا، ئاندىن دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىدۇ. مىسال ئالىدىغان بولساق، ئاراكان، پەلەستىن، سۈرىيە مەسىلىلىرى مۇشۇنداق كۈن تەرتىپكە كەلدى.

بىز يەنە بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئاخىرقى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەنشۇرە يىلماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇماتىڭىز بارمۇ؟ نېمىلەرنى بىلىسىز؟
مەنشۇرە يىلماز خانىم: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەس، ئۇ يەر خىتايغا قاراشلىق ئاپتونوم رايون، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يەردە مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، تارىختا تەڭدىشى يوق ئېغىر زۇلۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەڭ ئاددىيسى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى. بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قارشى مەيلى ئىسلام دۇنياسى بولسۇن مەيلى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى غەرب دۆلەتلىرى بولسۇن، ئەمەلىي بىر قەدەم بېسىلمىدى.

مۇخبىر: سىزچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلىغان بولساق؟
مەنشۇرە يىلماز خانىم: دەسلەپكى قەدەمدە ئۇ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ياردەم يېتەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە رەھبەرلىرى بۇ ۋەقەگە بىۋاسىتە قول سېلىشى كېرەك. خەلقئارالىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ يەردە ئوپئوچۇق ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تۈركىيە تەرىپىدىن دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى كېرەك. خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققىتىنى تارتىشنىڭ خىتايغا قارشى قانداق بىر تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما بىزلەرمۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئاغزىدا سۇ توشىغان چۈمۈلىگە ئوخشاش جاسارەتلىك بولالىساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇ ئاتەش نېمە ئۈچۈن ئۆچمىسۇن؟...