يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن «تۈرك دۇنياسى» ناملىق كىتاب يورۇققا چىقتى. ئۇ «تۇران دۇنياسى جەمئىيەتلىك فوندى» نىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف تەرىپىدىن توپلانغان ھەم نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 15 باسما تاۋاق ھەجىمدىكى بۇ توپلام ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، دەسلەپتە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، دۇنيا قارىشى، ئىلىم-پەنى، سانى، بەرپا قىلغان دۆلەت تەشكىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئىككىنچى قىسىم ھەر بىر خەلقنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى، ئەنئەنىلىرى ۋە مىللىي كىيىمى بويىچە ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا بولسا، ھەر خىل ئېتنىكىلىق توپلار، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ «تۈركىي تىللىق ئەللەرنىڭ ئالىي كېڭەش ئاسسامبىلېيىسى»، «تۈرك ئاكادېمىيىسى»، «تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنياۋى ئاسسامبىلېيىسى»، «تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت فوندى»، «تۇران دۇنياسى» قاتارلىق ھەر خىل تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ۋەزىپىلىرى، ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلىرى يورۇتۇلىدۇ.
مىللىي مەسىلىنى تونۇشتۇرۇشتا بىز كۆپرەك تۈرك بىرلىكىگە مەنپەئەتدارمىز
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
- كارلىن مەخپىروفنىڭ «تۈرك دۇنياسى» ناملىق بۇ كىتابىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ، تۇنجى قېتىم پۈتكۈل تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى، ئېتنوگرافىيىسىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە مۇرەككەپ مىللىي شەكىللىنىش جەريانلىرىنى تېزىسلىق خاراكتېردا بايان قىلغان ئۇيغۇرچە كىتاب. تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخلىرىنى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆپ يازغان، لېكىن ھەممىسىنى يىغىپ بىر ئۇيغۇر تىلىدا بۈگۈنگىچە نەشر قىلىنغانلىقى-ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇنىڭدا دەپ ئويلايمەن. ئۇنى توپلاشتا ئاپتور ناھايىتى كۆپ مەنبەلەردىن پايدىلانغان. شۇنى قەتئىي ئېيتىش كېرەككى، بىز، ئۇيغۇرلار، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىسى دائىرىسىدە بارلىق تۈركىي خەلقلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى، ئۆز-ئارا دوستلۇق ۋە باشقا مەسىلىلەرنى، مىللىي مەسىلىنى ئۇلارغا ياخشى تونۇشتۇرۇشتا بىز كۆپرەك مۇشۇ تۈرك بىرلىكىگە مەنپەئەتدارمىز. ھازىر دۇنيادا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى تەشكىلاتلىرى بار، ئامما تۈرك بىرلىكى ئومۇمىي شەكىلدە تېخى قېلىپلاشقىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن داۋاسىنى تونۇشتۇرۇشتا، ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ھەمكارلىشىشتا بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ ھېسابلايمەن.
بۇ كىتاب سۆزسىز ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تاپىدۇ
فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف بۇ كىتابنىڭ تۈركىي خەلقلەر بىرلىكىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:
- ھازىرقى ئالەمشۇمۇللىشىش دەۋرىدە ھەر قانداق بىرلىك، بولۇپمۇ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ بىرلىكى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى شۇ بىرلىك ئاساسىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرالايدۇ. كارلىن مەخپىروفنىڭ «تۈرك دۇنياسى» كىتابىمۇ شۇنداق بىر بىرلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىتاب، دەپ ئويلايمىز. 20-ئەسىردىكى ئىككى دۆلىتىمىزنىڭ نامىدا شەرقىي تۈركىستان دېگەن سۆزنىڭ بولۇشىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ تۈركىي بىرلىككە بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزىنى ئاقلاپ-ئاقلىمىغانلىقى ئىككىنچى مەسىلە، بىراق شۇ دەۋردىكى ئىلغار زىيالىيلىرىمىزنىڭ، ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە شۇنداق پىكىر بېسىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. كارلىن دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر بويىچە مەلۇماتلارنى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى يېتىشىچە توپلاشقا تىرىشقان. ئۇ مۇشۇ كىتابنى نەشر قىلىش ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئومۇمىي بىر توپلامنىڭ يوقلۇقىغا ئوخشاش بىر بوشلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ، دەپ ھېسابلايمىز. بۇ كىتاب سۆزسىز ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تاپىدۇ ھەم چوڭ قىزىقىش ھاسىل قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.