مەشھۇر كلاسسىك ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئالمۇتادا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

17-نويابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە «‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› ۋە قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

يۇنېسكو، يەنى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئەدىب ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغانلىقىغا 100 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن 2018-يىلىنى «خەلقئارا ‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق› يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئالمۇتادىكى يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنىنى خەلقئارا تۈركسوي تەشكىلاتى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ تۈركسوي بۆلۈمى ۋە «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندى بىرلىكتە ئېلىپ باردى. ئىلمىي مۇھاكىمىگە ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى ھەمدە يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشتى.

يىغىندا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور مەسۈمجان ۋىلياموف مەزكۇر مۇھاكىمىنىڭ مەقسىتى، ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى.

بىرىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تۈركسوي خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، پروفېسسور ئاسقار تۇرغانبايېف ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن مەدەنىي ئالاقىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاسقار تۇرغانبايېف ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەت ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي مەملىكىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مەدەنىي ئالاقىلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەخمەت يۈگنەكىنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر كىرىل يېزىقىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاندىن سۆزگە چىققان بايتۇرسۇنوف نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يېردېن قاجىبېكوف تىل تەتقىقاتچىسى رۇسلان ئارزىيېف تەرىپىدىن كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق ئەسەرنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پېنىدىكى چوڭ يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتلاردا ئاكادېمىك غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئىنستىتۇتنىڭ يېپىلىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى تۈركسوي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۆرەلى قىدىر، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف ۋە باشقىلار قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت، تارىخىي ۋەزىيەت ۋە تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ئامىللار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بايتۇرسۇنوف نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى يېردېن قاجىبېكوف قاراخانىيلار مەملىكىتىدە ياشىغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئۇلارنىڭ بىرلىشىشىگە ۋە ئورتاق ئىدىيەسىنىڭ قېلىپلىشىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا قوشقا تۆھپىسى ھەققىدە سۆز بولدى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. چۈنكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنو-سىياسى ۋە ئېتنو-مەدەنىيەت جەھەتتىن قېلىپلىشىشىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى زاماندا بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسۇن، قوشقان ئۈلۈشى زور. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، تىلىنى بىلمەي، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ھەقىقەتەنمۇ تۈركشۇناس بولۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كۈچى بىلەن يىغقان مىللىي خاسىيەتلىرى ۋە قەدىرىيەتلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىرىيەتلىرى ئۈچۈن بىر ئۈلگە.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى تۈركسوي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دوتسېنت تۆرەلى قىدىر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» كىتابىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ باشقا كىتابلاردىن پەرقى شۇنىڭدىكى، بۇ كىتابنىڭ يەشمىسى پەقەت بىر تىلدىلا ئەمەس، بەلكى قازاق، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى زاماندا ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە تالاش-تارتىشلار، ئۇنى بۇرمىلىنىۋاتقان قىلمىشلار ۋە ئېقىملار مەۋجۇت. بۇ كىتاب ئەنە شۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ.»

تۆرەلى قىدىر يەنە ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئالمۇتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق بۇ كىتاب جەمئىي 104 بەت بولۇپ، ئۇنى تىلشۇناس رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان. بۇ كىتابنى نەشر قىلىشقا ھامىيلىق قىلغان كىشى «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف بولۇپ، كىتاب بارلىق ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرگە تارقىتىلماقتىكەن.