موسكۋادا «شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىيە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
2018.12.25
مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمكى تىللاردىكى، شۇ جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپلىگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. شۇ يىللاردا فرانسۇزلار، گېرمانلار، ئىنگلىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۇ ۋاقىتتا رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭمۇ بۇ قەدىمىي رايونغا بولغان قىزىقىشى ئۆسۈپ، 1909-1910-يىللىرى ۋە يەنە 1913-1914-يىللىرى ئىككى قېتىملىق زور ئېكىسپېدىتسىيەنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئېكىسپېدىتسىيەلەر تارىختا «رۇسلارنىڭ تۈركىستان ئېكىسپېدىتسىيەلىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. ئاشۇ مەزگىلدىكى ئېكىسپېدىتسىيەلەرنى مەشھۇر رۇس ئالىمى، ئاكادېمىك سېرگېي ئولدېنبۇرگ باشقۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمىي تارىخى بويىچە ئىنتايىن كۆپ مەلۇماتلار توپلانغان ئىدى. ئۇلار ھازىر موسكۋا ۋە سانكت-پېتېربۇرگ شەھەرلىرىدىكى مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، سېرگېي ئولدېنبۇرگ مەزكۇر سەپەرلەردىن قايتىپ كېلىپ، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ۋە سەپەر جەريانىدىكى ھېساباتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئاشۇ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ كۈندۈلۈكلىرى، فوتو سۈرەتلەر، خەت-چەكلەر ۋە باشقا توپلانغان ماتېرىياللار ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئومۇمىي تارىخ ئىنستىتۇتى، سانكت-پېتېربۇرگ شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى ۋە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخىپىنىڭ سانكت-پېتېربۇرگتىكى بۆلۈمى بىر بىرلەشمە لايىھە تۈزۈپ، ئەنە شۇ ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ لايىھەگە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى، «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. يېقىندا موسكۋادىكى «پامياتنىكى ئىستورىچېسكوي مىسلى» نەشرىياتىدا شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۈچ توملۇق «شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىيە: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدىكى ئۆگىنىش تارىخى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابلەت كامالوف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەلىك ئالىملار مېنى سېرگېي ئولدېنبۇرگنىڭ سەپەر خاتىرىلىرىنى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئىدى. مېنىڭ ئاساسىي ۋەزىپەم ئۇيغۇرچە مەتىنلەرنى ئوقۇپ چىقىش، ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھات بېرىش بولدى. ئولدېنبۇرگنىڭ خاتىرىلىرىدە ئۇيغۇر سۆزلىرى، ئىبارىلىرى، تەمسىللىرى ۋە ھەتتا شېئىرلارمۇ كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئالىم تەرىپىدىن ھەم كىرىل يېزىقىدا، ھەم ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان. بىلىشىمىزچە، ئولدېنبۇرگنى پەقەت قەدىمىي يادىكارلىقلار ۋە كونا قوليازمىلارلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھاياتىمۇ ناھايىتى قىزىقتۇرغان ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بەك قىزىقتۇرغان ئىكەن. ئۇ مۇقەددەس جايلار، شۇ جۈملىدىن مازارلار توغرىلىق كۆپلىگەن قىزىقارلىق رىۋايەتلەرنى يېزىۋالغان. شۇنداقلا ئولدېنبۇرگ خاتىرىلىگەن ئۇيغۇر قوشاقلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەن ئۇلارنى ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان ‹ئىژادكار› ژۇرنىلىنىڭ ئاخىرقى سانىدا ئېلان قىلدىم.»
ئابلەت كامالوف ئەنە شۇ رۇس ئېكىسپېدىتسىيەلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بويىچە ماتېرىياللىرىنى ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي ئىشىدا تەتقىق قىلىش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ چوڭ لايىھەنى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى مىخايىل بۇخارىن باشقۇردى. ئەمگەكنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شەرقىي تۈركىستانغا قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيەلەرنىڭ ماتېرىياللىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭغا پېتىر كوزلوفنىڭ موڭغۇلىيە ۋە تىبەتكە قىلغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەسىنىڭ ماتېرىياللىرى، شۇنداقلا ئاكادېمىك ۋاسىلىي بارتولدنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۈرك-رۇنىك يېزىقلىرى توغرىلىق ماقالىسىمۇ كىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب ‹شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىيە› دەپ ئاتالدى. كىتابنىڭ بىرىنچى تومىدا ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان دىمىترىي كلېمېنس، ئالبېرت گرۇنۋېدېل، سېرگېي ئولدېنبۇرگ، ۋاسىلىي رادلوف قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ خەت-چەكلىرى ئورۇن ئالدى. بۇ يەردە بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى نىكولاي پېتروۋسكىي ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم سېرگېي مالوفنىڭ خەتلىرى چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ.»
ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىدا رۇس دىپلوماتلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ ھېساباتلىرى ۋە كۈندۈلۈكلىرى بېرىلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تومغا رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ كاتىپى مىخاىل لاۋروفنىڭ قەشقەر، پەيزىۋات، گۇما، خوتەن، كېرىيە، ياركەند ۋە باشقىمۇ شەھەرلەر بويىچە قىلغان ھېساباتلىرى كىرىدۇ. لاۋروفنىڭ بۇ ھېساباتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ جۇغراپىيەسى، ئاھالىسى، ئىقتىسادى، ترانسپورت يوللىرى ۋە باشقىلار توغرىلىق باي ۋە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بۇ تومدا شۇنداقلا كلېمېنسنىڭ تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيەسى، بېرېزوۋسكىينىڭ ئېكىسپېدىتسىيەسى، ئولدېنبۇرگنىڭ بىرىنچى رۇس تۈركىستان ئېكىسپېدىتسىيەسى بويىچە يازغان كۈندىلىك خاتىرىلىرى، ئولدېنبۇرگ ۋە بارتولدنىڭ ئىككى ماقالىسى ئورۇن ئالغان. ئۈچىنچى تومغا بولسا، بىرىنچى رۇس تۈركىستان ئېكىسپېدىتسىيەسىنىڭ ئەزالىرى چۈشۈرگەن رەسىملەر كىرگۈزۈلدى. 500 بەتلىك بۇ تومدا ھەر خىل ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە مىڭ ئۆيلەردىكى تام رەسىملەر ئۇچرايدۇ.»
سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى تارىخى، مەدەنىيىتى بويىچە رۇسىيەلىك ئالىملار كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخىغا، باي مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى بىزنى خۇشال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا ‹تارىخ، مەدەنىيەت، جەمئىيەت› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئالمۇتادا ‹مىر› نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن يورۇق كۆردى. كىتابقا 2016-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا رۇسىيە پايتەختى موسكۋا يېنىدىكى زۋېنىگورود شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماتېرىياللىرى كىردى. ئەمدى بۇ قېتىمدا موسكۋادا چىققان مەزكۇر ئەمگەك شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولغان قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قوشۇلغان چوڭ تۆھپىدۇر. بۇ ۋاقىتلاردا رۇس ۋە ياۋروپالىق ئالىملار تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئىنتايىن باي شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى. كىتابتا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، زېمىنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا ئائىت ئىنتايىن باھالىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتاب كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن چوڭ مەنبە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە ئائىت ئىلمىي لايىھىلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالىملىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «كۈللىياتى خۇشھال غەرىبى»، «تارىخىي مەنبەلەردە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرى (18-ئەسىر-20-ئەسىرنىڭ بېشى)»، «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى (18-ئەسىر-20-ئەسىرنىڭ بېشى)» ناملىق ئەمگەكلەر يورۇق كۆرگەن ئىكەن.