«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» نامدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىز-ئوغۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر جايغا جەم بولۇپ، «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى تەبرىكلىدى ۋە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

23-ئاپرېل كۈنى يەنە تۈركىيەنىڭ باشقا بىر قانچىلىغان ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ۋە تارقىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىستانبۇلدىكى تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىستانبۇلدىكى تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تىجارەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا قۇربان بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەت شۇكى، ‹ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ› دېگەن خاتا چۈشەنچىگە خاتىمە بېرىش، كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى خەلقىمىزگە بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش ھەمدە كىتاب نەشر قىلىش ۋە كىتاب سېتىۋېلىش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر.»

ئابدۇللا قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «ئۇيغۇرلار»، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «ئىز»، «غېنى باتۇر»، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتابنى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقاتقان.

ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامى بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فەرۇق مۇھەممەد كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشر قىلىش چەكلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش ۋە تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹ئىزچىلار گۇرۇپپىسى› ناملىق ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش ۋە تارقىتىشتەك بىر ئىلمىي كەيپىياتنى يارىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن.»

فەرۇق مۇھەممەد يەنە «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن 2018-يىللىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئادەتلىنىشتەك بىر كەيپىياتنىڭ ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، 1995-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە جەم بولغان «دۇنيا نەشرىياتچىلار بىرلىكى» قۇرلتاي چاقىرىپ، ھەر يىلى 23-ئاپرېل كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. شۇ يىلى يەنە ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن ھەر يىلىنىڭ 23-ئاپرېل كۈنى «دۇنيا كىتاب كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئابدۇللا قۇربان «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىزچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ غايە-مەقسەتلىرى بولسا مائارىپنى ئاساس قىلغان، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش ۋە يۈكسەلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ گۇرۇپپا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدۇر.»

ئابدۇللا قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» 2018-يىللىق مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» نامىدىن سېتىۋېلىنغان كىتابلارنى ھەقسىز ۋە ھېچقانداق شەرت قويمىغان ئاساستا يەتكۈزۈپ بېرىش، ئوقۇغان كىتاب سانى ۋە يازغان تەسىرات ماقالسىغا قارىتا بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇرمەنگە 1000 لىرا، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇرمەنگە 700 لىرا، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئوقۇرمەنگە 500 لىرا مۇكاپات بېرىش ھەمدە قەرەللىك كىتاب چايلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەر ئورۇن ئالغان ئىكەن.

بىز «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» دىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى ئاراپات ئابلىكىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئاراپات ئابلىكىم «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقىدىن ۋە ئۆزىگە كىتاب ئەۋەتكەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ئىزچىلار گۇرۇپپىسى» غا رەھمەت ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت