ئالمۇتادا «ئوتتۇز ئوغۇل ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى: تارىخ ۋە بۈگۈن» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

23-ئىيۇندا ئالمۇتادىكى «ئاستانا» مېھمانخانىسىنىڭ مەجلىس زالىدا «ئوتتۇز ئوغۇل ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى: تارىخ ۋە بۈگۈن» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، ياشلار، چەتئەللىك مېھمانلار، جەمئىيەتلەر ھەم يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەزكۇر مۇراسىم «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مۇراسىمنى ئاچقان «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سۈلفى مەشرەپوف «ئوتتۇز ئوغۇل ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى: تارىخ ۋە بۈگۈن» كىتابىنىڭ ئىككى يىل مابەينىدە تەييارلىنىپ، «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن نەشر قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئالىملىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى ئابلەھەت كامالوف ۋە رىسالەت كەرىموۋا، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى نودەر كەرىموف تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۈلفى مەشرەپوف «ئىنايەت» بىرلەشمىسى يېنىدا قۇرۇلغان ئانالىز گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قاتار ئىلمىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەنە شۇ لايىھەلەر ئاساسىدا يورۇق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاندىن سۆزگە چىققان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروف ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولغان مەشرەپ ھەققىدە قازاقىستاندا تۇنجى ئەسەرنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكىنى، ئالىملارنىڭ ئۇنى تەييارلاشتا كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئوتتۇز ئوغۇل ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى، مەشرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت بىرلەشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئەخلاق مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى ئابلەھەت كامالوف مەزكۇر لايىھىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، قەدىمدىن تەرەققىي قىلغان ‹ئوتتۇز ئوغۇل› ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتىنى تەتقىق قىلىش ھەم شۇنىڭ ئاساسىدا بىر قوللانما تەييارلاشتۇر. بۇ لايىھە ئىككى ئاساسىي قىسمىدىن ئىبارەت. بىرىنچى قىسىمدا ئوتتۇز ئوغۇل، مەشرەپ توغرىلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش بولدى، يەنى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ، چەتئەللىك ئالىملارنىڭ ئوتتۇز ئوغۇل توغرىلىق يازغان ماتېرىياللىرىنى يىغىپ، شۇلارنىڭ ئاساسىدا قىسقا بىر قوللانما تۈزۈش.»

ئابلەھەت كامالوف شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رولى ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قامالغانلىقىنى، لايىھە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئارىلاپ، ئاھالىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سوئالنامىلەر تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ئابرۇيلۇق كىشىلەر، زىيالىيلار، يۇرت ئاكتىپلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىمۇ ھېسابقا ئېلىنغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سۈلفى مەشرەپوف «ئوتتۇز ئوغۇل ئىجتىمائىي ئىنستىتۇتى: تارىخ ۋە بۈگۈن» كىتابىنىڭ كۆپچىلىك ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئىككى تىلدا، يەنى ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا توختالدى: «بۇرۇن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز مەشرەپلەرنى قانداق ۋە نېمە مەقسەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۆتمۈشتىكى قائىدىلەر ھازىرقى يېڭى ئىجتىمائىي لايىھەلەرگە باغلاشتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان. كىتابقا ئۆز ۋاقتىدا مەرھۇم تۇرغان روزاخۇنوف ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىنى چىقارغان ئىدى. بىز ئالىم ئاكىلىرىمىز بىلەن كىتابنىڭ مەزمۇنى، مەقسىتى ھەققىدە كۆپ مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق. بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز مۇشۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش بولدى. تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنى پەقەت ئالمۇتادىلا ئەمەس، بەلكى ناھىيەلەردىمۇ ئۆتكۈزۈپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ سىستېمىسىنى بىزنىڭ مەشرەپلەرگە كىرگۈزۈشتۇر.»

سۈلفى مەشرەپوف ناھىيەلەردە تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا يەنىمۇ ماتېرىياللار توپلاپ، ئوتتۇز ئوغۇل، مەشرەپ، يىگىت بېشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەتراپىدا بۇنىڭدىنمۇ ئەتراپلىق ۋە ھەرتەرەپلىمە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى رىسالەت كەرىموۋا، شاشىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، «ئاتامېكېن-ئاگرو» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كىنتال ئىسلاموف ۋە باشقىلار مەزكۇر كىتابنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەھمىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىلىرى، ئوتتۇز ئوغۇل يىغىلىشلىرىنىڭ، مەشرەپلەرنىڭ ياش ئەۋلادنى تەربىيىلەشتىكى رولى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇلاسە سۆز بىلەن نۇتۇق قىلغان شېرىپجان نادىروف مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خەۋپ سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى ئونلىغان يىللار داۋامىدا مەشرەپلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسىنىڭ، ئۇنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى چۈشەندى. ھازىر ئۇ ياقتا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ئادەمنىڭ ئەقلىگە كىرمەيدىغان ۋەقەلەر. راست، شەخسەن مەن بەزىدە خىتاينىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرىغا ھەيران قالىمەن. ھازىر خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي خۇسۇسىيىتىدىكى فاشىستىك تۈزۈمنى قۇرۇۋاتىدۇ. بىز، ئۇيغۇرلار، ھازىر شۇنداق سىياسىي-جۇغراپىيەلىك قىسىلىشتا تۇرىمىزكى، ئىككى يېقىمىزدا بىزنى ئىككى چوڭ ئىمپېرىيالىستىك مەملىكەت قورشاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار بىزنى ئۆزلىرى بىلگىنىچە پايدىلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەنە شۇ ئوتتۇز ئوغۇل، مەشرەپ ئوخشاش مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز شەرت.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مەشرەپلەرنىڭ ئەجدادلاردىن قالغان چوڭ مەدەنىي مىراس ئىكەنلىكىنى، مەشرەپكە كىرگەن ئادەمنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ساز-نەغمىلىرىنى، مىللىي تائاملىرىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، ئانا تىلىنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىر ۋاقتىدا ئۇيغۇرىستاندا، بولۇپمۇ غۇلجىدا مەشرەپنى چەكلىگەن ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە. ئۇ ۋاقىتتا مەشرەپ ئوينىغانلاردىن گۇمانلانغان. ئۇ بىر ئەكسىل ئىنقىلابى تەشكىلات، گۇرۇھ دەپمۇ قارالغان. شۇ ۋاقىتتا ئىلى ياشلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپمۇ چىققان. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئوققىمۇ تۇتقان. مەشرەپنى بەرگەنلەرنى ئۇزۇن مۇددەتكە قامىۋەتكەن. ئاشۇنداق قىينىغان ئىدى. كېيىن چېگرالار ئېچىلىپ، بۇ مەشرەپلەر قويۇپ بېرىلدى.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ مەشرەپلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئىكەنلىكىگە كۆزى يېتىپ، خەلقنى يەنە قويۇپ بەرگەن، يەنى ئۆز سىياسىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن ناھىيە، شەھەر، ئوبلاست، دەرىجىسىدە مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىنى، نەزىر-چىراغلىرىنى، دىنىي ئەنئەنىلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.