«خىتايدىن قازاقىستانغا كۆچۈش: تارىخى ۋە بۈگۈنى» ناملىق كىتاب ئالمۇتادا نەشر قىلىندى
2018.01.19
ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى «خىتايدىن قازاقىستانغا كۆچۈش: تارىخى ۋە بۈگۈنى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدى. مەزكۇر ئەمگەكنىڭ ئاپتورى قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش ئاكادېمىيىسى دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى سۋېتلانا كوجىروۋادۇر.
كىتابتا خىتايدىن قازاقىستانغا كۆچۈش ۋە يەرلىشىش جەريانلىرىنىڭ ئىككى چوڭ باسقۇچى يورۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنى ۋە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتچى كۆچمەنلەرنىڭ، يەنى ئاساسىي جەھەتتىن قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى ھەم بۇ رايونلارنىڭ شەكىللىنىشىنى، چېگرا رايونلىرىدىكى ئېتنو-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپلىگەن پاكىتلار، رەقەملەر بىلەن كۆرسەتكەن. مەزكۇر ئەمگەكتە يەنە ھازىرقى زاماندىكى كۆچۈش-يەرلىشىش جەريانلىرىمۇ يورۇتۇلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ مەلۇماتلارنى 2004-ۋە 2007-يىللار ئارىلىقىدا ئاستانا ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدە تارقاتقان سوئال سوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق توپلىغان. مەزكۇر مەلۇماتلار ئارقىلىق ئاپتور كۆچۈش-يەرلىشىش جەريانلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىدىكى رولىنى ئېنىقلاپ چىققان. كىتابتا يەنە خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، ئۇنىڭ يوللىرى، جەريانلىرى يورۇتۇلغان.
«خىتايدىن قازاقىستانغا كۆچۈش: تارىخى ۋە بۈگۈنى» ناملىق كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، 1880-يىللاردىكى كۆچۈش-يەرلىشىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى باسقۇنچىلىقىغا قارشى يۈرگۈزگەن كۈرىشى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» بۇنىڭغا ئاساسلىق سەۋەب بولغان، شۇنداقلا بۇ كۆچۈش ئاممىۋى خاراكتېرلىك كۆچۈش بولغان. كىتاب ئاپتورى ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، دەسلەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن بارلىقى بولۇپ 70 مىڭ ئاھالىنىڭ كۆچۈپ چىققانلىقىنى، شۇلاردىن 45373 ئادەمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىتابتا كەلتۈرۈلگەن رۇسىيە قول ئاستىدىكى دالا ئۆلكىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى گېنېرال-گۇبېرناتورى بولغان گېراسىم كولپاكوۋسكىينىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە يەتتىسۇ تەۋەسىگە 75 مىڭ ئۇيغۇر كۆچۈپ چىققان ئىكەن. سۋېتلانا كوجىروۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن يۇرت-يۇرت بولۇپ كۆچۈپ، يېڭى يەرلەردە بىر يېزىنى تەشكىل قىلىپ يەرلەشكەنلىكىنى، بەزىدە بىر نەچچە يۇرت ئاھالىسىنىڭ بىر يېزىغا بىرلەشكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېزىلارغا كۆپىنچە ئىلگىرىكى يۇرت ناملىرىنى قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئىككىنچى باسقۇچ 1960-يىللىرى، يەنى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلاشقان دەۋرىگە توغرا كەلگەن. بۇ چاغدا قازاقىستان ۋە خىتاي چېگراسىدىكى رايونلار ئاساسىي جەھەتتىن قازاق، ئۇيغۇر، تاتار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ھېسابلىناتتى. كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1962-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت پۇقرالىرىغا پاسپورت بېرىشنى توختىتىش توغرىلىق چىقارغان پەرمانىغا نارازى بولغان ئاھالە 29-مايدا غۇلجىدا يەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىشقا چىققان. خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوق ئېتىشتىن كېيىن ئاھالىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ يىلى 22-ئاپرېلدىن ئىيۇن ئېيىنىڭ باشلىرىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا 67 مىڭ ئادەم قانۇنسىز چىققان ئىكەن.
قازاقىستانغا كۆچۈش-يەرلىشىش جەريانلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ چاغدىن باشلاپ خىتايدىن ئۇششاق سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىپ كېلىشى كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ئاساسىنى قازاقىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان، كېيىنرەك خىتايلارمۇ كېلىشكە باشلىغان. دەسلەپ چېگرا ئاتلاپ كېلىپ، قازاقىستاندا يەرلىشىپ قالغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولغان. 1998-يىلى پەقەت ئالمۇتا ۋىلايىتىدە 26 ئۇيغۇر تۇراقلىق يەرلىشىپ قالغان بولسا، 42 ئادەم پۇقرالىقى يوق شەخسلەر سۈپىتىدە ياشىغان.
مەزكۇر كىتابتا يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلەرگە كۆچۈشىگە ئائىت پاكىتلارمۇ كەلتۈرۈلگەن. سۋېتلانا كوجىروۋانىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتىكى بۇ كۆچۈشكە مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال رول ئوينىغان: «بىرىنچىدىن، ئىشسىز قالغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئىش بىلەن تەمىنلەش زۆرۈرلۈكى ھەم قازاقىستاندا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى. ئىككىنچىدىن، خىتايغا قارىغاندا قازاقىستاندا پۇل تېپىشقا كۆپرەك مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بولۇشى. ئۈچىنچىدىن، ئىش ئىزدەپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستاننى ئۈچىنچى مەملىكەتكە چىقىپ كېتىشنىڭ مەيدانى سۈپىتىدە قارايدىغانلىقى.»
سۋېتلانا كوجىروۋا ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارا-بارا كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىشلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇلار تەرىپىدىن قازاقىستان قانۇنلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ قازاقىستانغا كىرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتايدىن كىرىپ كېلىۋاتقانلارنى ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاراپ بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى، مەخسۇس گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆچمەنلەر. ئۇلارنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش ئۈچۈن قازاقىستان يېرىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىش. ئىككىنچى، رەسمىي ھۆججەتلەرسىز ئىش ئىزدەپ كەلگەن كۆچمەنلەر. ئۈچىنچى، ھەر خىل سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ كەلگەن جاسۇسلۇق ۋە رازۋېدكا گۇرۇپپىلىرى ھەم شەخسىيلەر. تۆتىنچى، چېگرادىن قانۇنسىز تاۋارلارنى ئېلىپ كەلگۈچىلەر. بەشىنچى، ئىش بانىسى بىلەن كېلىپ، قازاقىستاننى تەرەققىي ئەتكەن غەرب مەملىكەتلىرىگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان كۆچمەنلەر».
تەتقىقاتچىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەكتىكەن. يەنى ئەلدە قازاقىستانلىقلارنىڭ ئىش بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشكەن، ئىشسىزلىق كۆپەيگەن. خىتايلارنىڭ مەملىكەتتە قانۇنسىز بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ئىقتىسادىي پائالىيىتى نارەسمىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ، يوشۇرۇن پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئېلىپ كەلگەن.
سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېجكىننىڭ پىكرىچە، ئومۇمەن خىتاي پۇقرالىرىدىن خىتايلار قازاقىستانغا ئاساسەن ئەمگەك ۋىزىسى ئارقىلىق كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى قازاقىستاندىكى شىركەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىلەر بويىچە تىركەلگەن. ئەمدى باشقا مىللەتلەردىن، بولۇپمۇ قازاقلار، ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستاننى زىيارەت قىلماقتا. ئۇ قازاقىستاندا ھازىرغىچە قانچىلىك خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.