«كۆك پاسپورت ئارزۇسى» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا دىنىي، ئەدەبىي ۋە تارىخىي كىتابلار كۆپرەك نەشر قىلىنىپ ئەركىنلىك، ئادالەت، دېموكراتىيە، كىملىك، تەڭلىك، مىللەتچىلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك تېمىلاردا چىققان ئەسەرلەرنىڭ ئازلىقى مەلۇم. بۇ يوقلۇققا 2017-يىلى ئۆكتەبىردە تۈركىيەدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان «كۆك پاسپورت ئارزۇسى» ناملىق ئەسەر جاۋاب قايتۇردى.

مەزكۇر كىتاب نەشردىن چىقىشى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ئېيتىلماقتا. بولۇپمۇ ئەركىنلىك، كىملىك ۋە مىللەتچىلىككە ئوخشاش تېمىلار يورۇتۇلغان كىتابلارنى غەربلىك ئاپتورلارنىڭ تىلىدىن ئوقۇپ كېلىۋاتقان زىيالىيلار قاتلىمىدا بۇ ئەسەرنىڭ بەكرەك قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئۇنداقتا «كۆك پاسپورت ئارزۇسى» زادى قانداق كىتاب؟ كىتابتىكى مۇنازىرىگە سازاۋەر نۇقتىلار نېمە؟

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئاپتور بىلەن شۇنداقلا ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش پەرقلىق يەرلەردە ياشاۋاتقان، ئۆزگىچە كەسىپ ۋە چۈشەنچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ چىقتۇق.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى- كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كىتابتىكى «كۆك پاسپورت ئارزۇسى» نىڭ قانداق ئارزۇ ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قىسمەن ئۇيغۇرلاردىكى ئۆزى ھۆرلۈكتە ياشاپ تۇرۇپ مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى يولىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كۆرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىدە مەزكۇر كىتابنى يازغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى سۆھبەتكە ئامېرىكادىن ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئىنژېنېر زېمىنجان ئەركىن ئەپەندى كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، «ئۇيغۇرلاردىكى ئەركىن ئەللەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ يېڭەلمىگەن خىتاي قورقۇنچىنى پىلانلىق مېڭە يۇيۇشنىڭ نەتىجىسى،» دەپ قارايدىكەن. زېمىنجان، مەزكۇر كىتابتىن بۇ مەسىلىگە مەلۇم جاۋاب تاپقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇرەھىم پاراچ ئەپەندى مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭدا ئەركىنلىك ئۇقۇمىنىڭ ئىسلامى نۇقتىدىن يېشىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا يۇقىرىقى نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كىتابتا يەنە بەزى مىساللارنىڭ مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ «مېڭە يۇيۇش ۋە مېڭىنى پروگراممىلاش» تاكتىكىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش توغرىلىق پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ يېتېرسىزلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«كۆك پاسپورت ئارزۇسى» دا تېمىلارنى قايىل قىلارلىق يېشىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنىڭ جايىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كىتابتا قوللىنىلغان كۆزىتىش نۇقتىلىرى ۋە كەلتۈرۈلگەن دەلىللەر ھەققىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان جەڭگىۋار ئەپەندى ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى.

ئاپتورنىڭ كىتابىدا تەكىتلىشىچە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى پەقەت دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان مىللەتچىلىك ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئۇ كىتابىدا ئىسلامدىكى ئۈممەت چۈشەنچىسى بىلەن مىللەتچىلىكنىڭ زىت ئەمەسلىكىنى، تەۋھىت تەلەپ قىلىدىغان ھۆرلۈككە ئېرىشمەك ئۈچۈن مىللەتنىڭ ھۆر بولۇشى كېرەكلىكىنى يازغان.

ئوقۇرمەنلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، كىتابتا ئۇيغۇر تىلىغا يات بولغان بەزى سۆز ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرى بولغاندىن باشقا، بىر قىسىم جۈملىلەر زىيادە ئۇزۇن بولغاچقا چۈشەنمەك قىيىن ئىكەن. بىر قىسىم مەزمۇنلارغا بېرىلگەن مىساللار يېتەرسىز بولغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم مەزمۇنلار چالا يېزىلغان ئىكەن. بۇ ھەقتە جەڭگىۋار ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوقۇرمەنلەر ئىنكاس قىلغان يېتېرسىزلىكلەر ۋە كەمتۈك مەزمۇنلار ھەققىدە رۇقىيە تۇردۇش خانىمدىن سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن بىرلىكتە بىر كىتاب يېزىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىتابىدا چالا قالغان نۇقتىلارنى كېلەچەكتە چىقىدىغان كىتابىدا تولۇقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.