ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ قازاقىستاندا قۇددۇس غوجامياروف، ئىكرام مەسىموف، نىزامىدىن كىبىروف ئوخشاش بىر قاتار ئاتاقلىق كومپوزىتورلار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئۇلار پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كەڭ تونۇلۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئېۋگېنىي برۇسىلوۋسكىي، ئاخمېت ژۇبانوف، مۇقان تۇلېبايېف، ئېركېغالى راخمادىيېف قاتارلىق قازاقىستاننىڭ تونۇلغان كومپوزىتورلىرىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان ھەم ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان. ئۇيغۇر كومپوزىتورلىرى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىي زېرىپ مولوتوف بۇ ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان مۇزىكىسىنى ئېيتمىغاننىڭ ئۆزىدە، كېيىنكى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، يەنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر خەلقىمۇ زامانىۋى تۈردىكى مۇزىكىلارنى ياراتتى. مۇزىكا ساھەسىدە دۇنياغا مەشھۇر بولغان بىزنىڭمۇ ۋەكىللىرىمىز بار. شۇلارنىڭ بىرى قۇددۇس غوجامياروف بىلەن بىللە مەن ياخشى بىلىدىغان ئىكرام مەسىموف، نىزامىدىن كىبىروف، ئىسمايىلجان ئىسايېف، سېلىماخۇن زەينالوف، زەينۇللام سېتەكوف ۋە باشقىلار بار.»
ئۆز ۋاقتىدا ئەنە شۇ قۇددۇس غوجامياروفنىڭ قولىدىن تەربىيىلىنىپ چىققان ۋە ھازىرمۇ مۇزىكا ئىجاد قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كومپوزىتورلارنىڭ بىرى ئىسمايىلجان ئىسايېفتۇر. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ كومپوزىتور بولغانلىقى ھەم بۇنىڭدا كىملەرنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئالماتادا ئىلىيا بەختىيا ئۇچرىشىپ قېلىپ، مېنى قۇددۇس غوجامياروفقا ئېلىپ باردى. ئۇ مېنى ياخشى قوبۇل قىلدى. ئۇ مېنىڭ ناخشىلىرىم بىلەن تونۇشۇپ، چوڭ ئىنستىتۇتلاردا، كونسېرۋاتورىيەدە ئوقۇشۇمنى تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاۋغۇست ئېيىدا ئېمتىھانلارنى تاپشۇردۇم. ئۇ يەردە برۇسىلوۋسكىي، ۋېلىكانوف ۋە باشقىمۇ كومپوزىتورلار بار ئېكەن. ئۇلار مېنى تىڭشاپ، كومپوزىتورلار فاكۇلتېتىغا ئالدى. قۇددۇس ئاكىنىڭ قولىدا سەككىز يىل ئوقۇدۇم.»
ئى. ئىسايېف قۇرمانغازى نامىدىكى كونسېرۋاتورىيەدە ئوقۇۋاتقان يىللىرى مۇزىكا يېزىش بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىدۇ ھەم كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇستازى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. ئۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ «لاشمان» درامىسىنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى قالىغىچى، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «زىيا ئاكا ئىسمايىلجان ئىسايېف مۇزىكىسىنى يازسا ياخشى بولاتتى دېگەن ئىكەن. ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇر مەخپىروف مېنى چاقىرىپ، مۇزىكىسىنى يازامسەن دەپ سورىدى. مەن يازىمەن دېدىم. قۇددۇس ئاكا خۇشال بولدى، مەن ئۇنى يازدىم. ‹لاشمان› درامىسىنىڭ مۇزىكىسىنى يالغۇز زىيا ئاكا تىڭشىمىدى، ئۇ يەردە جامالىدىن بوساقوف، خىزمەت ئابدۇللىنمۇ بار ئىدى. ئاخىرى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆگىنىپ، بىللە تىڭشاپ، ئۇنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن كومپوزىتورلار كېلىپ، ماختاپ، ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»
ئى. ئىسايېفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بىر ئاي ۋاقىت ئۆتمەيلا جامالىدىن بوساقوف ئۆزىنىڭ «قاينام» سەھنە ئەسىرىگە مۇزىكا يېزىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان، بۇ ئەسەرمۇ شۇ چاغلاردا ئەخمەتجان قادىروف، رابىك ئىسمايىلوف ئوخشاش ئالىملار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان. ئى. ئىسايېف بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويۇلغان توققۇز سەھنە ئەسىرىگە مۇزىكا يازغان. كېيىنكى يىللىرى ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن بالىلار ئۈچۈن مۇزىكا ۋە ناخشىلارنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سەنئەتكە كىم يول ئېچىپ بەردى دېگەن سوراق بولۇپ قالغۇدەك بولسا، مەن ھېچقانداق ئويلىماستىنلا ئۆزۈمنىڭ ئانام دېيەلەيمەن. نېمىشقا؟ مېنىڭ ئانام ئەنە شۇ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، يۈرىكىمگە سىڭدۈرۈۋەتتى.»
ز. مولوتوف ئى. ئىسايېف ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىسمائىلنىڭ باشقا كومپوزىتورلاردىن بىر ئالاھىدىلىكى، ئىسمائىل پەقەت ناخشىغىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسەن بىزنىڭ مۇزىكا سەنئىتىمىزدىكى رولى ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەھنە ئەسەرلەرگە مۇزىكا يېزىشىدا بولدى. ئىسمائىل ز. سەمەدى، ھ. ئابدۇللىن، ج. بوساقوف، م. زۇلپىقاروف ئوخشاش دراماتۇرگلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇزىكا يازغان ئىنسان. شەخسەن مەن ئۇنىڭ بالىلارغا بېغىشلانغان ناخشىلارغا مۇزىكا يازغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن. ئۇنىڭ بالىلارغا بېغىشلىغان ئونلىغان، ئۇنىڭدىنمۇ جىق مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى بار. ئىسمائىل ھازىرمۇ يېشىنىڭ بىر يەرگە يېتىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»