ئانالىزچىلار: «كونا خەرىتە بىلەن ‹شىنجاڭ› ئاتالغۇسى بۇ جاينىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.01
kona-xerite-xitayda-uyghur-tibet-yoq-twitter.jpg تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە مانجۇ قاتارلىق خەلقلەر ياشاۋاتقان زېمىنلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسى دائىرىسىدە يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن، Twitter دا تېڭ بياۋ ئىسىملىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئېلان قىلغان كونا خەرىتە. 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن نەزەرىيەنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە غەربتىكى بىر قىسىم تارىخچىلار ئارىسىدا بۇ زېمىننىڭ تارىختىكى جۇغراپىيەلىك نامى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە مۇھاجىرەتتىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندى تىۋېتتېرغا كونا ماللار بازىرىدا ئۆزى ئۇچراتقان خىتاي زېمىنى ھەققىدىكى بىر كونا خەرىتىنىڭ فوتو رەسىمىنى يوللىغان ئىدى. تېڭ بىياۋ ئەپەندى مەزكۇر خەرىتە ھەققىدە يوللىغان ئۇچۇرىدا خىتاي تەيۋەن دەپ ئاتاۋاتقان ئارالنىڭ مەزكۇر خەرىتىدە «فورمۇزا ئارىلى» دەپ ئاتالغاندىن باشقا، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە مانجۇ خەلقلىرى ياشاۋاتقان زېمىنلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە تورداشلاردىن مەزكۇر خەرىتە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان.

ئىلگىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى يوللىغان «كونا خەرىتە» ھەققىدىكى فوتو رەسىم بىلەن خەرىتە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئىلتىماسىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا بىر قېتىملىق قىزغىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن بۇ خەرىتىنى كونا كىتابلار بازىرىدا كۆردۈم، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇنى سېتىۋالمىدىم. خەرىتىنىڭ قاچان، كىملەر تەرىپىدىن سىزىلغانلىقى ۋە قەيەردە نەشر قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇنى تېلېفونۇمدا رەسىمگە تارتىۋېلىپ تھۋېتتېرغا يوللىدىم. ئەلۋەتتە، فوتو رەسىم يوللىنىشى بىلەنلا خىتاي زېمىنى ھەققىدىكى مەزكۇر خەرىتىدە تەيۋەننىڭ ‹فورمۇزا ئاراللىرى› دەپ ئاتالغانلىقى ۋە خەرىتىدە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە مانجۇ خەلقلىرى ياشاۋاتقان زېمىنلارنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە تورداشلارنىڭ مەزكۇر خەرىتە ھەققىدىكى ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا مەزكۇر خەرىتە ۋە خىتاينىڭ ئىلگىرىكى زېمىن تەۋەلىكى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر تور بېتىگە مەزكۇر خەرىتىنىڭ ئەنگلىيەلىك ياكى پورتۇگالىيەلىك سەيياھلار تەرىپىدىن سىزىلغانلىقى، ئۇنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرى ياكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللىغان. ئەمما توردىكى ئەڭ قىزىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان مەسىلىلەر يەنىلا خەرىتىدىكى خىتاي چېگراسى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن رايونلارنىڭ تارىختىكى ئوخشىمىغان ناملىرى، بۇ زېمىنلارنىڭ قاچان، كىملەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، مانجۇ، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەر ياشىغان زېمىنلارنىڭ خەلقئارادا قاچاندىن باشلاپ خىتاي تارىخىدىكى ئىمپېرىيەلەر چېگراسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى قاتارلىق تارىخىي مەسىلىلەر بولغان.

ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە ئۆزى يوللىغان خىتاي زېمىنى ھەققىدىكى كونا خەرىتە سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كەسكىن مۇنازىرىلەرگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزى تورداشلار پىكرىدە بۇ خىل كونا خەرىتىلەرنىڭ مانجۇ، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ياشىغان زېمىنلارنىڭ خىتاي چېگراسىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى بۇ زېمىنلارنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما يەنە بىر تۈركۈم تورداشلار خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېگەن نەزەرىيەنى تەكىتلەپ، بۇ خەرىتىنى يالغانغا چىقىرىشتى. ھەتتا ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇمدا بولدى. مەن ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغۇچى ‹تور چوماقلىرى› دەپ قارىدىم، خالاس.»

كانادادا قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچى شاۋىن جاڭمۇ ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندى يوللىغان خىتاي زېمىنى ھەققىدىكى كونا خەرىتە توغرىسىدىكى مۇنازىرىدە ئاكتىپ پىكىر بايان قىلغانلارنىڭ بىرىدۇر.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شاۋېن جاڭ مەزكۇر خەرىتىدىكى خىتاي تېررىتورىيەسى ھەققىدە خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن گۇگۇلدىن ئىزدەش ئارقىلىق مەزكۇر خەرىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كونا خەرىتىلەرنى بايقىدىم. ئۇلاردىمۇ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل مانجۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر ياشىغان زېمىنلارنىڭ نامى ھەر خىل ناملاردا ئاتالغان ئىكەن. مەن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق يەنە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە بۇ زېمىنلار ھەققىدە بىر بىرىدىن پەرقلىق بولغان ھەر خىل خەرىتىلەر سىزىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما مەن تارىخچى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ زېمىنلارنىڭ تارىختىكى ناملىرىنىڭ زادى قانداق ئاتالغانلىقى ھەققىدىمۇ تولۇق مەلۇماتىم يوق. مېنىڭچە، بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئەلۋەتتە تارىخچىلار جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەمما توردىكى مۇنازىرىلەردە ‹شىنجاڭ ۋە شىزاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى› دېگەن نەزەرىيەنى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭمۇ جىقلىقىنى كۆردۈم. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار دېيىشكە بولىدۇ.»

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە بۈگۈنكى ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ خىل كونا خەرىتىلەر ۋە تارىخىي يازمىلارنىڭ خەلقئارا تور ئامبارلىرىدا ساقلىنىشى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەر ياشىغان زېمىنلارنىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنىڭ تارىخى ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.