ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن لەگلەك ئۇچۇرۇش پائالىيىتىدە ئاي-يۇلتۇزلۇك كۆك لەگلەك ئۇچۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-نۆۋەتلىك دۇنيا يېتىم ۋە مەزلۇم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىغا ۋاكالىتەن كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە قىرغىزىستاندىن رۇخسارى ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ ئۈچ بالا قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىغا ۋاكالىتەن كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە قىرغىزىستاندىن سەلىمە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ ئۈچ بالا قاتناشتى.

يېتىم بالىلار، ئىستانبۇلنىڭ مەشھۇر جايلىرىنى سەيلى-ساياھەت قىلىش، مەخسۇس ئۆسمۈر بالىلار كۆرىدىغان ئورۇنلارنى ئايلىنىش، ئويناش ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

3 كۈنلۈك سەيلە-ساياھەتتىن كېيىن، بالىلار 26-ماي كۈنى كۈچۈك چەكمىچىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.

بۇ پائالىيەت يېتىم بالىلارغا روھى جەھەتتىن مەنىۋى ئوزۇق بېرىش، ئۇلارنى خۇشال قىلىپ كەيپىياتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2013-يىلى 23-مايدىن 26-مايغىچە 4 كۈن داۋام قىلدى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى چىمەن دوپپا، كانىۋاي ۋە ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، بۇ بالىلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. پائالىيەت جەريانىدا ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.

5000 كىشى بىرلا ۋاقىتتا لەگلەك ئۇچۇرغان بولۇپ، سان-ساناقسىز رەڭلىك لەگلەكلەر ئاسماننى ئاجايىپ بىر رەڭدارلىققا ئايلاندۇردى.

يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئايرىلغان لەگلەك ئۇچۇرۇش مەيدانىدا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، كۈۋەيت، مالايشىيا ۋە تۈركىيەدىن قاتناشقان لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى چوڭ ھەجىمدىكى لەگلەكلىرىنى چىقىرىپ، بىر قىسمىنى يېتىم بالىلارنىڭ ئۇچۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولىغا بەردى. ھەر بىر دۆلەتنىڭ بايرىقى شەكلىدە ياسالغان لەگلەكلەر شۇ دۆلەتتىن كەلگەن بالىلارنىڭ قولىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى شەكلىدىكى لەگلەكمۇ كۆك يۈزىدە ئۇچۇرۇلدى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ چىمەن دوپپا، كانۋا ۋە ئەتلەس كۆينەكلىرى بىلەن مەيدانغا چىقىپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك-بايراق شەكىلدىكى لەگلەكنى ئۇچۇرتۇپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم، بۇ قېتىملىق يېتىم بالىلار پائالىيىتى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت بولغانلىقىنى، بۇ خەلقئارالىق يېتىم بالىلار پائالىيىتىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.