لوندوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئورتاق ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

13-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشام لوندون كېمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئافغانىستانلىق ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئورتاق قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافغانىستان ئۆزبېكلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە لوندون ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئافغانىستانلىق ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە لوندون ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى ئويۇن قويغان.

ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن لوندون ئافغانىستان تۈركلىرى تەشكىلاتى مەسئۇلى بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مەسئۇلى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلغان. ئېزىز ئەيسا قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ قېرىنداشلىقى، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغان. ئېزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزبېك تەشكىلاتلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن پائالىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەتكە لوندون ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر بىرى بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشۈپ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەشكەن.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.