لوندوندا «قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە» ناملىق كونسېرتتا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى 24-مارت كۈنى لوندون ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا، 25-مارت كۈنى بولسا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نورۇز پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان. 27-مارت كۈنى بولسا لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا «قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە» كونسېرتى ئۆتكۈزۈلگەن. كونسېرتتا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر بىلەن تۈرك سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن تۈرك ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راچېل خاررىس خانىم قۇرغان ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەردىن رەھىمە مەخمۇت خانىم، تۇڭگان مۇزىكانت ئىسكەندەر دىڭ، تۈركىيەنىڭ بۇرسا چېھرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر قاتارلىق سەنئەتچىلەر ئۇيغۇرچە، تۈركچە ناخشا-مۇزىكىلاردىن ئۆرنەكلەر سۇنغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «26-مارت كۈنى لوندون يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى رەھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويدۇق. بۇ ئويۇننىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى ئىككى يىل بۇرۇن قويغان ئىدۇق. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. لوندوندىن سىرت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كونسېرت بېرىۋاتىدۇ. مەن ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر مۇزىكىسى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن لوندونغا كەلگەن ۋاقتىمدا بۇ ئۆمەككە قاتناشقان ئىدىم. 3 يىلدىن بېرى بىرلىكتە كونسېرت بېرىۋاتىمىز.»

ئۇ، ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تېمىسىنىڭ «ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن تۈرك مۇزىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر» ئىكەنلىكىنى، لوندوندا ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسى ‹تۈرك مۇزىكىسى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر› ئىدى. مەن ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا كىرگەندىن كېيىن تۈرك مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىدىم. ياخشى ماسلاشتۇق. تۈنۈگۈنكى كونسېرتىمىزغا قىزىقىش يۇقىرى ئىدى. مۇزىكانتلار، مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، لوندوندىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇزىكا دەرسى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كونسېرتىمىزغا كېلىشى بىزنى بەكلا خۇرسەن قىلدى. بۇلاردىن سىرت لوندوندا تۇرۇۋاتقان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. لوندون ئۇيغۇر كونسېرتلىرىغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ساھىپخانلىق قىلىۋاتىدۇ. لوندوندا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا قىزىقىش ئىنتايىن يۇقىرى.»

رەھىمە مەخمۇت خانىم تۈركىيەنىڭ لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە» كونسېرتى قەشقەر ناخشىسى «مىراجىخان» بىلەن ئىستانبۇل ناخشىسى «ئارال ۋە ساھىللاردا سېنى ساقلايمەن» دېگەن ناخشا بىلەن باشلىنىپ، «روزىلەم» دېگەن ناخشا بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى

دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى كونسېرتتا تۈرك مۇزىكىسى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك مۇزىكىسى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ناھايىتى كۆپ. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار تەخمىنەن مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇزاق يەرلەردە ياشىماقتا. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئۇزاق يەرلەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ مۇزىكا جەھەتتىنمۇ بۈيۈك ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. بولۇپمۇ مۇقاملاردىكى ئوخشاشلىقلار كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا. ناخشا تېكىستلىرىدىمۇ ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئەلۋەتتە ئوخشىماسلىقلارمۇ بار چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆتىڭى، بۇلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەن. لوندوندا بەرگەن كونسېرتىمىزدا ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ناخشا ۋە مۇزىكىلاردىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىپ، بۇ ئوخشاشلىقلار بىلەن ئوخشىماسلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق».

رەھىمە مەخمۇت خانىم كونسېرت ئاخىرىدا تۈرك مۇزىكىسى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىدىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كونسېرتلاردا ئۇيغۇر-ناخشا ئۇسسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن، ناخشا ئارىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرمەكتە. «قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە» كونسېرتىدىمۇ شۇنداق قىلغان. ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇتنىڭ ئېيتىشىچە بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم كونسېرت بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.