لوپنورلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقساقالى-كۈنچىققانبەگ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.08.29
Lopnur-eng-axiriqi-aqsaqal-Kunchiqqanbeg.jpg لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقساقىلى كۈنچىققانبەگ (1795-1898) ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى (مەنبە: Purzhiwaliskiy، «لوپنۇرغا سەپەر»)
RFA/Qutlan

كۈنچىققانبەگ-لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى، تەكلىماكاندا تىنىقى ئۆچكەن سىرلىق بىر كۆچمە كۆلنىڭ پاسىبانى شۇنداقلا لوپنورلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقساقالى.

لوپنۇر كۆلىنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۇ تارىخىي شەخسنىڭ سىرلىق نامى ھېلىھەم لوپنۇر خەلقى ئارىسىدا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا.

19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇر ۋادىسىنىڭ سىرلىق پەردىسىنى تۇنجى بولۇپ تاشقى دۇنياغا ئاچقان رۇسىيەلىك سەيياھ پىرژىۋالىسكىي، ئاندىن بۇ دىيارغا ئارقا-ئارقىدىن ئاياق باسقان فىرانسىيەلىك بونۋالۇت، شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن، ياپونىيەلىك ئوتانى قاتارلىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر ئۆز خاتىرىلىرىدە كۈنچىققانبەگنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان.

لوپنۇر ۋادىسىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم قېدىرىپ-تەكشۈرگەن رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكىي 1870- ۋە 1880-يىللاردا لوپنورنىڭ قاراقوشۇن قىشلىقىدا ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم ئاقساقال كۈنچىققانبەگ ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كۈنچىققانبەگ لوپنۇر ۋادىسىغا مەمۇرىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئابدال بەگلىكىنىڭ يەرلىك بېگى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە لوپنورلۇقلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى يېتەكچىسى ۋە ئاقساقالى ئىكەن. لوپنۇر كۆلىگە تايىنىپ بېلىقچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ياشايدىغان لوپنۇر خەلقى كۈندىلىك ھاياتتا دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر چوڭ مەسىلىنى كۈنچىققانبەگنىڭ ئاخىرقى قارارى بىلەن ھەل قىلىپ ياشىغان. پىرژىۋالىسكىي ئۆز خاتىرىسىدە كۈنچىققانبەگنىڭ لوپنورلۇقلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئاقساقالى بولۇشىغا قارىماي تۇرمۇشتا تولىمۇ ئاددىي-ساددا، سەمىمىي ھەمدە ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى ئىكەنلىكىنى، لوپنۇر كۆلى ۋە ئەتراپتىكى دەريا-تاراملارنى ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە كۆل، قۇملۇق، توغراق، قومۇش ساتما ۋە بېلىقتىن ئىبارەت چەكلىك مۇھىت ئىچىدە چەكسىز تەبىئەتنى قۇچاقلاپ ياشايدىغان لوپنورلۇقلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمىي كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز جەمئىيىتى شەكىللەندۈرگەن ساپ ئەخلاقىي رامكا ئىچىدە تاشقى دۇنيادىن خالىي ھالدا تىپ-تىنچ ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

پىرژىۋالىسكىي ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق بىر ۋەقەنى ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئەسلەيدۇ: لوپنۇرلۇق بىر ياش يىگىت ئېكسپېدىتسىيە ئۆمىكىنىڭ بىر تال تۆمۈر زەنجىرىنى ئوغرىلىقچە ئېلىۋاتقاندا سېزىلىپ قالىدۇ. بۇ يەردە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ سەتچىلىكتىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن كۈنچىققانبەگ ئاقساقاللار كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ ھېلىقى ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ چاغدا پىرژىۋالىسكىي ئارىغا چۈشۈپ بىر تۆمۈر زەنجىر ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما كۈنچىققانبەگ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھېلىقى ياشنى لوپنۇر ۋادىسىدىن قوغلاندى قىلىدۇ ۋە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. پىرژىۋالىسكىي ئەينى دەۋردە كۈنچىققانبەگ ھەققىدىكى بىر گۈزەل داستاننىڭ لوپنورلۇقلار ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

لوپنورلۇقلارنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، كۈنچىققانبەگ لوپنۇر كۆلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرگەن ئابدال ۋە قاراقوشۇن بەگلىكىنىڭ ئاخىرقى ئاقساقالى بولۇپ، تەخمىنەن 1795-يىلى قاراقوشۇندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى توختاتقانباي 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مىرەن بەگلىكىدىن ئادەم باشلاپ كېلىپ لوپنۇر كۆلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرگەن كىشى بولۇپ، 1832-يىلى 84 يېشىدا قازا قىلغان ۋە لوپنۇردىكى ئاقمازار دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. كۈنچىققانبەگ 37 يېشىدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ئابدال بەگلىكىنىڭ ئۇرپاق بېگى بولۇپ جەمئىي 55 يىل باش ئاقساقال بولغان. 1898-يىلى 103 يېشىدا قاراقوشۇندا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئاقساقاللىق ھاياتىدا لوپنۇر ۋادىسىنىڭ ھەقىقىي پاسىبانى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. لوپنۇر ۋادىسىغا ئاياق باسقان داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنچىققانبەگنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ۋە خالىسانە ياردىمىگە ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇنىڭ نامى ئەينى دەۋردە يەرلىك لوپنورلۇقلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە لوپنۇر كۆلى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر ئىسىملاردىن بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.