مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى دائىم ئىنگلىز، نېمىس، فىرانسۇز، رۇس ۋە باشقىمۇ ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ سېپىگە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمۇ كېلىپ قوشۇلدى. ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلىپ، باي مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. شۇلارنىڭ بىرى تارىخچى مالىك كەبىروفتۇر.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، م. كەبىروف قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، ياش تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ئۆسۈشىگە ئىجابىي تەسىر قىلغان ئالىمدۇر. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە ياخشى مەلۇمكى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى تېز تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا 1949-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى پرېزىدىئۇمىنىڭ قېشىدا «ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش» بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر تۈركۈم تارىخچى، تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارنىڭ يېتىلىپ چىقىشى ئۆزىنىڭ چوڭ تەسىرىنى يۈتكۈزدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىنى ئېلىپ قارايدىغان بولساق، پەقەت قازاقىستاندىلا ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىن بىر نەچچە ئىلغار، تالانتلىق تارىخچىلار تەربىيىلىنىپ چىقىپتۇ. مەسىلەن، ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مالىك كەبىروف، داۋۇت ئىسىيېف، گېگېل ئىسقاقوف، رۇقىيەم خوجايېۋا، كېيىنكى ئەۋلادلاردىن ئەكرەم ئەنۋەروف، گالىنا باراتوۋا، رىسالەت كەرىموۋا، ئادىلجان زۇلياروف، زۇلفىيە كەرىموۋالار شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھازىر ئارىمىزدا يوق. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يۇلىيا بارانوۋا، يۈسۈپ سۇنۋازو، مۇنىر ئېرزىن قاتارلىق ئالىملارنىڭمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە سالماقلىق تۆھپە قوشقانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرى مۇشۇ كۈنگىچە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ دەسلەپكى تارىخچىلىرىمىزدىن مالىك ئاكا كەبىروفنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات تارىخى، ھايات يولى بار. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە كېيىنرەك، يەنە كېلىپ تامامەن باشقا ساھەدىن كەلگەن بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنىڭ مۇرەككەپ مەسىلىلىرى ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساس بولدى».
ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، م. كەبىروف 1916-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تاشتىقارا يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە فاكۇلتېتىدا، ئاندىن ئالماتا شەھىرىدىكى تاغ-كان ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىنرەك ئۇ 1943-يىلغىچە جۇمھۇرىيەتنىڭ تاغ-كان ساھەسىدە ئىنجېنېر-گېئولوگ بولۇپ ئىشلەپ، ئاندىن ئالماتادىكى گېئولوگىيە ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئوقۇشقا چۈشكەن.
بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ئەنە شۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى، كېيىنرەك ئۇنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن كوممۇنار تالىپوف ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرشۇناسلىققا كېيىن كەلسىمۇ، كېيىن قالمىدى» ناملىق ماقالىسىدە م. كەبىروف ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەلۇمكى، 1944-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا-ۋەتىنىدە مىللىي-ئازادلىق كۈرەش غەلىبە قازىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ چاغلاردا ياش جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇ يەرگە ئۆز مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، گېئولوگىيىلىك چارلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. 1946-يىلى ئەۋەتىلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئارىسىدا بۇ ساھەدە باي تەجرىبە توپلىغان ئاسپىرانت مالىك كەبىروفمۇ بار ئىدى».
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېگرىداش رايونلاردا، ئاساسەن ئالتاي ۋە تارباغاتايدا يەر ئاستى بايلىقلىرى، شۇ جۈملىدىن ئاتوم بومبىسىغا ھاجەت بولغان رۇدىلارنى تەكشۈرۈش، ئىزدەپ تېپىش مەقسىتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 40-يىللىرى موسكۋا تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئېكىسپېدىتسىيەلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. سىياسەتشۇناس بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرىيا باشقۇرىدۇ. ئېكسپېدىتسىيە ھەقىقەتەن تەبىئەتتە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللارنى ۋە ئۇران رۇدىسىنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى باشتا شېڭ شىسەي، ئاندىن 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت تېز تەرەققىي قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ۋىلايەتلەر تېز ئازاد قىلىنىدۇ. شۇ زاماندا سوۋېت ئىتتىپاقى نەچچە مىڭلىغان يۈك ماشىنىلىرىدا ئۇران رۇدىسىنى ئىچكىرىگە توشۇيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ۋە قىممەت باھالىق مېتاللار تېپىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا ھەم سىياسىي، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەسىلىلىرى بولغان».
ك. تالىپوفنىڭ يېزىشىچە، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن م. كەبىروفنىڭ ھاياتىدا كەسكىن بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا بولغان قىزىقىش كۈچەيگەن. شۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى، مەشھۇر گېئولوگ ئالىم قانىش سەتپايېف م. كەبىروفقا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىپ، شۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەسلىھەتىنى بەرگەن.
ئا. كامالوف م. كەبىروفنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنىڭ تۆۋەندىكىچە داۋام قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «مالىك ئاكا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى دەسلەپكى قەدىمىنى 1950-يىللاردا باستى، چۈنكى ئۇ ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى سىرتتىن تاماملايدۇ ھەم موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىدا «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈشى» دېگەن ماۋزۇدا دوكتور كاندىداتلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ چىقىدۇ. ئۇ شۇ جەرياندا بىز يۇقىرىدا ئاتاپ كەتكەن ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لاۋازىمىنى ئاتقۇرىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ئاكادېمىيە رەھبەرلىرىنىڭ مالىك ئاكىغا زور ئىشەنچ بىلدۈرگەنلىكىنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتى ئىدى. مەن لېنىنگرادتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ مالىك ئاكا توغرىلىق كۆپ ياخشى گەپلەرنى ئاڭلىغان. كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمگەك پائالىيىتى بىلەن ياخشى تونۇشتۇم. مالىك ئاكا ناھايىتى تىرىشچان، مىللەتپەرۋەر ئالىم ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ۋەزىپىسىدىن تاشقىرى، رۇسچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەتلەرنى تۈزۈش، بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى بويىچە ماتېرىياللارنى توپلاش ھەم نەشر قىلىش، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي، مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدىكى مەسىلىلىرىنى ھۆكۈمەت ئالدىغا قويۇش ئوخشاش ئىشلارغىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان».
ئا. كامالوف ئالىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە يازغان كۆپلىگەن ماقالىلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ھەر خىل مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە پات-پاتلا بېسىلىپ تۇرغانلىقىنى، 1951-يىلى بولسا، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈشى» ئەمگىكىنىڭ ئالاھىدە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف، ئانايەت قۇربانوف قاتارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى توغرىلىق كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.