ياپونىيەدە شەكىللەنگەن مانگا ئەدەبىي ژانىرى-كۈلكىلىك، ھەزىل، قىزىق ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەش، ھەجۋىي سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش بىلەن پۈتكۈل ۋەقەلىكنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەدەبىيات شەكلىدۇر. ياپون ئەدەبىياتىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مانگا ئەدەبىياتى ھازىر ئاسىيادا كەڭ تارقىلىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئالقىشلانماقتا. ياپونىيەدە مانگا ئەدەبىياتىدا ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «مەن خىتاي ئەمەس» ناملىق مانگا بۇنىڭدىن خېلى يىللار بۇرۇن نەشر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر مانگادا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ياپونلارنىڭ قىزدىن «سىز، خىتايمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا، قىزنىڭ غەزەپ-نەپرىتى بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ «مەن خىتاي ئەمەس، مەن ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىدەك دىئالوگ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ياپونلارغا تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
بۇ قېتىم ياپونىيەدە يەنە، مەزكۇر مانگا كىتابقا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كىتاب يېزىلىپ نەشرگە بېرىلىش ئالدىدا بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر سۆھبەت 5-ئاينىڭ 21-كۈنى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان. سۆھبەتكە بىر قىسىم داڭلىق مانگا رەسساملىرى، مانگا يازغۇچىلىرى، تەھرىرلەر قاتنىشىپ، نەشرگە بېرىلىش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان «خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» ناملىق مانگا كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش ۋە پىكىر ئېلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت يىغىنىدا مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ساتو ئەپەندى، رەسسام ۋە كىرىشتۈرگۈچى يايوي خانىم، يازغۇچى ياتو خانىملار كىتابنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاش تەھرىر ھەيئىتى ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ھەمسۆھبەتتە بولغان. بۇ قېتىمقى كىتابقا پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئىشتىراك قىلغان ۋە كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى كۆرۈپ بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
مەزكۇر كىتابتا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى، ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا توختالغان. كىتابتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمۇ بايان قىلىنغان.
بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاش تەھرىر ھەيئىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كىتابنى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ساتو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ قېتىم بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز خىتايدا ئەركىنلىكنى يولغا قويۇش تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بىز ئالدى بىلەن خىتايدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇش، يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەندەك تېمىلار توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ، بۇ كىتابنى يېزىش ۋە نەشىگە تەييارلاشقا باشلىدۇق.
كىتابنىڭ رەسىملىرىنى سېزىش ۋە كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يايوي خانىم، مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىغا ئۆزىنىڭ نېمە مەقسەتتە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن، ھازىرقى زاماندا يەنى يەر شارىدا ھازىرمۇ خىتايلار تەرىپىدىن زۇلۇم، ئېزىلىشلەرگە ئۇچراپ، خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردەك مۇشۇنداق مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، تولىمۇ ھەيران قالدىم. مەن ئۆزۈم ئاددىي بىر ئىنسان بولساممۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇردەك بىر مىللەتكە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟ دېگەن ئوي بىلەن بۇ كىتابنى يېزىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشتىم.
كىتابنىڭ يازغۇچىسى ياتو خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىنى بايان قىلىپ،مۇنداق دېدى:
-مەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى بولىمەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يازغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ياپونىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرىمگە، بولۇپمۇ ياپون ياشلىرىغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئاددىي تىللار ئارقىلىق چۈشىنىشلىك ھالدا سۈرەتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەپ ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇردىن ئىبارەت زۇلۇم ئاستىدىكى بىچارە بىر مىللەتنىڭ پاجىئەسىنى تولۇق ئاڭلىتالىسام، بۇ مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
بىز ئاخىرىدا مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن، بۇ كىتاب توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان كىتاب ھەققىدە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. دوكتور تۇرمۇھەممەت كىتابنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.