مانجۇ ئىمپېراتورىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەلىكىسى 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «ماينىچى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەلىكىسى ئەيشىنكاكۇرا كېنكى خىتايچە ئاتىلىشى ئائىشىن جۇئې لۇئو شىئانچى 26-ماي 95 يېشىدا بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئۇ،دوختۇرخانىغا بۇ يىل 4-ئايدا كىرگەن بولۇپ، دوختۇرخانىدا ئۇزۇن داۋالانغان بولسىمۇ داۋالاش پەقەتلا ئۈنۈم بەرمىگەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى بىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا توختالمىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەيشىنكاكۇرا كېنكىنىڭ دەپن مۇراسىمى 28-چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسەت كۈلى بېيجىڭ باباۋشەن قەبرىستانلىقىغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۈكى خانىم ياپونلارنىڭ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى چىڭ سۇلالىسى مەلىكىسىنىڭ ئۆلۈمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ياپونلار ئائىشىنكاكۇرانىڭ ئائىلىسىنى ياپونلارغا يېقىن دەپ تونۇيدۇ ۋە شۇنداقلا مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى ياپونلار ئۆزلىرى قۇرغان دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن چىڭ خانىدانلىقى ياپونلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئەيشىنكاكۇرا 1918-يىلى ھازىرقى داليەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 10 نەچچە يېشىدىن باشلاپ ئاچىسى يوشىكو كاۋاشىما بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەدە ئوقۇغان. ياپونىيە قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلاشقىچە ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا مەسئۇل ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان.

1958-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنە قايتىدىن يەتتە يىللىق يېزىغا سۈرگۈن قىلىنغان.

ئەيشىنكاكۇرا 23-يىللىق جاپا-مۇشەققەتلىك سۈرگۈن ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئاخىرى خىتاي رەھبەرلىرىدىن دېڭ شاۋپىڭغا خەت يېزىپ دېڭ شاۋپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى تىلىگەن. دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دەسلەپ بېيجىڭدىكى ئارخىپ ماتېرىياللار ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن. خىتاي-ياپون دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بېيجىڭدىكى ياپون تىلى مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن خېبىي ئۆلكىسىدە ياپونلار قۇرغان ياپون تىلى مەكتىپىگە يۆتكەلگەن.

ئەيشىنكاكۇرا 1987-يىلى «چىڭ خانىدانلىقىدا تۇغۇلغان مەلىكىنىڭ ياپون ۋە جۇڭگودىكى ھاياتى» ناملىق كىتابىنى ياپون تىلىدا تاماملاپ ياپونىيەدە نەشر قىلدۇرغان. مەزكۇر كىتاب 1988-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن چېن شىرۇنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسەن بېيجىڭدا خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان.

ئەيشىنكاكۇرا چىڭ خانىدانلىقى پادىشاھىنىڭ 10-ئوغلى شاھزادە گۇڭچىنۋاڭنىڭ 15-قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى 1921-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دەسلەپ ئاچىسى كاۋاشىما يوشىكو سەككىز ياش ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە دادىسىنىڭ ياپونىيەلىك يېقىن دوستى يەنى ياپونىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى نانىۋا كاۋاشىمانىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە ياپونىيەدە چوڭ بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسىم، فامىلىسى پۈتۈنلەي ياپونچە بولۇپ، ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياپونىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. ئاچىسى كاۋاشىما يوشىكو 1907-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، خىتايچە ئاتىلىشى جىن بىخۇي، چىڭ سۇلاسىنىڭ 14-مەلىكىسى.

ئەيشىنكاكۇرانىڭ ئاچىسى كاۋاشىما يوشىكو ياپونىيە ئۇرۇش تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، 1948-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. سەۋەبى كاۋاشىما يوشىكونى گومىنداڭ دائىرىلىرى 1932-يىلى يۈز بەرگەن «شاڭخەي ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ياپونىيە جاسۇسى دەپ قولغا ئالغان.

ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تەيۋەنلىك ئوبزورچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندى چىڭ سۇلاسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەلىكىسى ئائىشىنكاكۇرانىڭ ياپونىيەدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداش، مەكتەپداشلىرىنىڭ ۋە ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، بەلكىم شۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئۇنىڭ دەپن مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقىنى،ئەمما ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مانجۇلارنىڭ ھازىرچە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن بىرەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ 14-مەلىكىسى جىن بىخۇي يەنى كاۋاشىما يوشىكو ھەققىدە ياپونىيەدە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، 1959-يىلى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئايال سۈزۈكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ «يېقىلغان خانىش» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىسىدە، سۈزۈكى سۇمىكو ئامىنە يولدىشى ئوسمان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە مېڭىش سەپىرى ئۈستىدە يەنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن 1947-يىلى 5-ئايدىكى ۋەقەنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان: «بىز ئايرودرومغا يېتىپ كەلدۇق. ئايروپىلان ئۇچۇشقا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بولغاچقا، بىز ئايرودرومدا دەم ئالدۇق. بۇ ۋاقىتتا ئايرودروم ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە لىق تولغان بولۇپ،مەن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ دەپ ھەيران قالدىم. توساتتىنلا قارا ماشىنىدىن ئۈچ-تۆت ئادەم چۈشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوغدىغۇچىلار دەرھال ئۇلارنى قوغداپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پاكار، ئورۇق كەلگەن، ئاق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن بىرىنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان بولۇپ،ئۇ قولغا ئېلىنغان ئىدى. مەن ھاڭ ‏- تاڭ بولۇپ قاراپ قالدىم. ئۇ بولسا كاۋاشىما يوشىكو خانىم ئىدى. بۇ مېنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ، كېيىن ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.»