0:00 / 0:00
نۆۋەتتە نيۇ يوركتىكى «رۇبىن گۈزەل سەنئەت مۇزېيى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مازار-ماشايىخلىرىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلماقتا.
بۇ كۆرگەزمە نيۇيوركتا ياشايدىغان فوتوگراف لىسا رۇس ئۇيغۇر رايونىدىكى تارىخىي ۋە ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان زاراتگاھلاردىن تارتىپ ئەكەلگەن فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدا ئېچىلغان. كۆرگەزمىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئېچىلىدىكەن.
كۆرگەزمىگە بېرىلگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى، بۇ رايوندا زور مىقداردا تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
فوتوگراف لىسا رۇس يۇقىرىقى كۆرگەزمىسى ئاساسىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» ناملىق بىر پارچە كىتابىنىمۇ نەشر قىلدۇرغان.
