خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يېزا، كەنتلىرىگە قەدەر دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ۋە دەپنە ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇ خىل «قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە تۈزەش» ھەرىكىتىدە رايوندىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىغا زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
رادىيومىزغا يېقىنقى كۈنلەردە ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئورگاننىڭ تامغىسى بېسىلغان، 2018-يىلى 5-ئايدا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشىنىڭ بىر نۇسخىسى يەتكۈزۈلدى.
«يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن» دەپ باشلانغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا، 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئاقسۇ يېڭى ئاۋات قەبرىستانلىقىغا مېيىت قويۇش توختىتىلىپ، ئىگىسى بار قەبرىلەر بىلەن ئالدىن سېتىۋېلىنغان يەرلىكلەرنى تىزىملاش باشلىنىدىغانلىقى، ئەگەر 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان مۆھلەت ئىچىدە تىزىملاتمىغانلارنىڭ كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بىز بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن «كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت» ھەمدە قەبرىستانلىققا مېيىت دەپنە قىلىشنى توختىتىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.
ئاقسۇ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدىكى بىر خادىم ئاقسۇدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغان «يېڭى ئاۋات قەبرىستانلىقى» نىڭ پۈتۈنلەي باشقىدىن ياسىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن زاپاس يەرلىك سېتىپ بېرىش توختىتىلغانلىقىنى، مەۋجۇت قەبرىستانلىق دائىرىسىدە پۈتۈن گۆرلۈكلەرنىڭ يەر ئاستىغا قاراپ كولىنىپ، 3 قەۋەت قىلىپ ياسىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن ئۇقتۇرۇشتا ئاگاھلاندۇرۇلغان «كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت» لەرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قەبرە ئىگىلىرى تەرىپىدىن تىزىملىتىلمىغان يەرلىكلەردىكى جەسەتلەرنىڭ «ئىگىسىز جەسەت»، بوش يەرلىكلەرنىڭ بولسا «ئىگىسىز يەرلىك» دەپ تىزىملىنىپ، قۇرۇلۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر بۇ قەبرىستانلىقلاردىكى ئىلگىرى دەپنە قىلىنغان مېيىتلار يېڭىدىن ياسالغان قەۋەتلىك مازارلىقلارغا كۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن.
بۇ ھەقتە بىز ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىنمۇ ئوخشاش جاۋابنى ئالدۇق. ئۇ جايدىمۇ قەۋەتلىك گۆرلۈك قېزىلىپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە قىلىش قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ھادىسىگە «يەر تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش» نى باھانە قىلغان.
دائىرىلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي يەنە قەبرە تېشىغا مېيىتنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرى، ئىسلامىي سىمۋول ياكى ئايەتلەرنى يېزىشمۇ پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا 2018-يىلى كىرگەندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە بار بولغان 3 جايدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ھېچقايسىسىدىن گۆرلۈك يەر سېتىپ بېرىلمەسلىك ھەققىدە ھۆججەت بارلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا يەر قىس بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئالدىن گۆرلۈك يەر سېتىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىلدىن باشلاپ پەقەتلا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي قەبرىستانلىقلىرىغا ئۇنداق بىر ھۆججەت چۈشمىگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.
ئۆتكەن ئايدا مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى لاگېرلار توغرىلىق ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خانىقاتام يېزىسىدا ئۈستىگە تاختاي يېپىلغان، ئاستى سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان 2-3 قەۋەتلىك زاراتگاھلىق قۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىر ساقچى خادىمىنىڭ بايانىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ نەزىر-چىراغ، دەپنە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتنى سېمونتلۇق، قەۋەتلىك يەرلىك ياساپ دەپنە قىلىشقا مەجبۇرلىشى ئىسلام ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، چۈنكى ئىسلامىي ئەنئەنە بويىچە مېيىتنى تۇپراققا دەپنە قىلىش، مېيىتقا بولغان ھۆرمەت شۇنداقلا بۇ ئادەت ئىنسان جىسمىنىڭ پۈتۈنلەي يەرگە سىڭىپ كېتىشنى كۆزلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى دىنىي ۋە مىللىي ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇسۇلمانلار دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا بىر خىتاي خادىم تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇ بىزنىڭ «ئۇيغۇر دىيارى بويىچە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساۋاتامسىلەر» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
خىتاي خادىم: ھازىر كۆكەرتىش بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئۇزۇن مەزگىل كېتىدۇ. ھازىر قەبرىلەر 4 ياكى 6 يەرلىكنى بىر قىلىش شەكلى بويىچە ياسىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبرىستانلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
خىتاي خادىم: بۇ خىل بىرلەشتۈرۈلگەن قەبرىلەر قۇرۇلۇشى كۆكەرتىشنى ئاساس قىلىدۇ.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، قەۋەتلەشكەن بۇ قەبرىلەرنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىلىدۇ، توپىمۇ ياكى سېمونتمۇ؟
خىتاي خادىم: مەن بۇ سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئۆزۈڭلار كېلىپ كۆرۈڭلار.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا بىردىن ئارتۇق گۆرلۈك يەر سېتىپ بەرمەسلىك، قەبرىستانلىقتىكى يەرلىكلەرنى قەۋەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ياكى خەۋەر تېپىلمىدى. بىز تۇڭگانلار ياكى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۇيغۇرلار يولۇققان يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئامېرىكا جورجىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق.
ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىنى قەۋەتلەشتۈرۈش دېگەندەك تەدبىرلىرىنى «بىنورماللىق» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە دائىرىلەرنىڭ تەرەققىياتنى باھانە قىلىپ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى كۆچۈرگەن ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، مېيىتنى قەۋەتلىك قەبرىلەرگە دەپنە قىلىش ئادىتىنى ئۆزىنىڭ پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاراتقان بۇ بىنورمال تەدبىرىگە كۆكەرتىش ياكى مۇھىت ئاسراشنى باھانە قىلىشنى تېخىمۇ مەنتىقسىز ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، شەرقىي تۈركىستاندەك يېرى كەڭرى جايدا يەرنى تېجەش ۋە كۆكەرتىشنى باھانە قىلىش پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راستىنلا كۆكەرتىش ۋە مۇھىت ئاسراش نىيىتى بولسا بېيجىڭدەك ئادەم جىق، چوڭ شەھەرنىڭ ئەڭ مەركىزىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا پەقەت بىر جەسەتنى قويۇش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ جاينى ئىسراپ قىلمىغان بولاتتى. ئۇلار (ماۋ زېدوڭ) نىڭ موميا قىلىپ قاتۇرۇلغان جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇ جاينى كۆكەرتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئادەتلىرى ۋە مازارلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكىدىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىغا قاراتقان بۇ بۇزۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك ئاسارئەتىقىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان خەتەرلىك سىياسەتتۇر» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
0:00 / 0:00