بۇ يىل يانۋاردا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى ئارخېئولوگلار تۇرپاننىڭ تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردىن تاڭ دەۋرىدىكى ئاتاقلىق خىتاي راھىبى شۈەنزاڭ تەرجىمە قىلغان بىر خىتايچە نومنى بايقىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىدىن يەنە ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تەڭگە پۇل، توقۇلما بۇيۇملار، ياغاچ ماتېرىياللار، قەرز توختامى قاتارلىق نەرسىلەر تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى قەرز پۇل توختامىغا دائىر ھۆججەتلەر ئارخېئولوگلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئىزچىل ھالدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن قاراشنى ئالغا سۈرۈشتە قوللىنىپ كەلگەن. ئۇ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىدىغان ھەرقانداق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ياكى تارىخىي ھۆججەتلەرنى «بۆلگۈنچىلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ چەكلەپ كەلگەن ياكى شۇنداق قاراشتىكى تارىخچى ۋە ئارخېئولوگلارنى جازالاپ كەلگەن ئىدى.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، شۈەنزاڭ تەرجىمە قىلغان خىتايچە بۇددا نومى پارچىسىنىڭ تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىدىن تېپىلىشى «تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەربىي رايوننىڭ مەۋجۇت مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ،» دېيىلگەن. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئىزچىل خىتاينى مەركەز قىلىپ كۆرسىتىشتەك بۇ خىل تەتقىقات مېتودىنى تەنقىد قىلىپ كەلدى.
گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر قەدىمكى ھۆججەتلىرى تەتقىقاتچىسى ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەتقىقات مېتودى خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئەسقاتسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى بولمايدىكەن.
ئابلەت سەمەت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ خىل تارىخشۇناسلىق ياكى، بۇ خىل سىياسىي قاراش ئەمەلىيەتتە قېتىپ قالغان بىر قاراش بولۇپ قالدى. بۇنى بىز يۇرتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان كېيىنكى ئەھۋاللاردىن كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىل مېتودنىڭ ئىلمىي باھا ياكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئانچە يېقىن مۇناسىۋىتى يوق. سىياسەت بىلەن(تارىختىكى) رېئاللىقنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھەممە ئىشتا ماۋۇ سىياسىي ئىدىيە، سىياسىي قاراشنى ماۋۇ ماقالىدە يازىسەن، دەپ ۋەزىپە بېرىپ شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەي، ئاۋۋال ئەسەرلەرنى بېرىپ، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ تەتقىقات خۇلاسىسىنى تەلەپ قىلساڭ بەلكىم ئەڭ توغرا قىلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق تەتقىقاتنىڭ ئۇ يەردە جان بېقىش ئۈچۈن چوڭ رولى بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇنى خەلقئارا كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قوليازما شۈەنزاڭ تەرجىمە قىلغان بىر بۇددا دىنىي نومى ئىكەن. ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى بۇددىستلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى، بەزى پارچىلىرىنىڭ تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىدەك جايلاردا تېپىلىشى بىر نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قوليازما كەڭ كۆلەمدە تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ بىر نومى. بۇ كىتابنىڭ سانسېكرىتچىسى بار، تىبەتچىسى بار، ئۇيغۇرچىسى بار، تۇخارچىسى بار ۋە خىتايچىسى بار. ھەممە تىللاردىكى تەرجىمىسى بار. ئۇنى ياپونلارمۇ ئەكېلىپ ئۆگەنگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇ يەر بۇ يەردىن تېپىلىشى شۇ چاغدا بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بۇددا دىنىي ئىچىدىكى ئىشلار. بىز بۇنى مىللەتلەرنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاپىرىپ تاقىساق، بۇ ئەمەلىيەتكە سىغمايدۇ.»
شۈەنزاڭ مىلادى 629 ياكى 630- يىللىرى خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇددا نومى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بارغان بۇددا راھىبى. ئۇ ھىندىستانغا بېرىش سەپىرىدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىدە ۋاقىتلىق تۇرغان. ئۇنىڭ پۈتۈن سەپىرىگە 17 يىل ۋاقىت كەتكەن ئىدى. ئۇ خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندە تەرجىمە مەركىزى قۇرۇپ، ھىندىستاندىن ئەكەلگەن بۇددا نوملىرىنى خىتايغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.
خىتاي تەتقىقاتچىلىرىدا شەرق بۇددىزىمىنىڭ مەركىزى خىتاي دەيدىغان خاھىش ئېغىر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇددىزمنىڭ خىتايغا تارقىلىشىدا ئۇيغۇرلار ھالقىلىق رول ئوينىغان. دوكتور ئابلەت سەمەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چاڭئەندە قۇرۇلغان بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش مەركىزىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر بۇددىست تەرجىمانلار ئىشلىگەن. ئۇ، «شۈەنزاڭ تەرجىمە قىلغان» دەپ قارالغان نۇرغۇن نوملارنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابلەت سەمەت مۇنداق دەيدۇ: «شۈەنزاڭ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر دېگەندىن كۆرە، شۈەنزاڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسى دېسەك توغرا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمە مەركىزىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىگەن. شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمە مەركىزىدە بىزنىڭ كۇچا، قۇمۇل، تۇرپاندىن خېلى كۆپ ئادەم بار. ئۇلار بۇددىزمنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ھەم سانسكىرىتچىنىمۇ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئىچىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نوملارنى بىزنىڭ يۇرتتىن بارغانلار تەرجىمە قىلغان.»
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دوكلات قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونى قەدىمىكى يېزىقلارنىڭ خەزىنىسى بولۇپ، بۇ يەردە ھازىرغا قەدەر 24 خىل يېزىق تېپىلغان. ئۇ، تۇيۇقتىن خىتايچە نومنىڭ تېپىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «شۈەنزاڭ ئورتا ئاسىيادا 17 يىل تۇرغان. ئۇ داڭقى بار راھىب. شۇڭا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەممە يەرگە تارقالغان. ئەمدى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا شۈەنزاڭ ھەققىدە ئىككى مۇھىم كىتاب بار. ئۇنىڭ بىرى شۈەنزاڭ ئۆزى يازغان "غەربكە ساياھەت" دېگەن كىتاب. ئۇنى تاڭ تەيزوڭ يازدۇرغان. بۇ كىتاب ھەربىي مەلۇمات شەكلىدىكى بىر كىتاب. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ راھىبلىرى يازغان شۈەنزاڭنىڭ بىر تەرجىمىھالى بار. شۇڭا ئۇنىڭ خىتايچىسىنىڭ تېپىلىپ قېلىشى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.»
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيا لىدوڭ «يېڭى تېپىلغان بۇ ۋەسىقىلەر بۇ رايوندا بۇددىزمغا بولغان مۇئامىلىنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ،» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدا «شىنجاڭدىكى بىرقانچە تارىخى مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت» يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىن، مىللەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار «خاتا ئىدىيە، خاتا چۈشەنچىلەر» نى تازىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئاساسىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇلار بىلەن خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ۋە ھەرخىل ئەنئەنىۋى ھېيت-بايراملىرىنى تەڭ ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00