ئورخۇن-يەنىسەي يېزىقىنىڭ سىرى يېشىلگەنلىكىنىڭ 125-يىلى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2018.12.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Orhun-yenisey-Uygur-Dolitining-paytehtining-ichki-qismi-orxun.jpg ئورخۇن يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختىنىڭ ئىچكى قىسمى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Erkin Tarim

مۇخبىر: بۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئورخۇن تاش پۈتۈكلىرى ئۈچۈن قانداق بىر كۈن ئىدى؟

پروفېسسور ئەرخان ئايدىن: پۈتۈكنىڭ ئوقۇلغانلىقىنىڭ 125-يىلى. 

تۈركىيە مالاتيا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئەرخان ئايدىن سالامدىن كېيىن ئۇدۇللا سورىغان سوئالىمىزغا ئەنە شۇنداق جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈنلەردىن بىرى. بۇنىڭدىن 125 يىل مۇقەددەم بۇ خاسىيەتلىك كۈندە ئورخۇن-يەنىسەي تاش پۈتۈكلىرى يېزىقلىرىنىڭ سىرى يېشىلىپ، تۈرك يېزىق تارىخىنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەڭ مۇھىمى تۈركلەرنىڭ ئەزەلدىن ئۆز يېزىقى ۋە تىلىدا تارىخ يېزىشقا كۆڭۈل بۆلگەن مىللەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. دانىيەلىك قەدىمكى يېزىقلار مۇتەخەسسىسى تومسوننىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك بايقىشى، رۇسىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ رادلوفنىڭ تاش پۈتۈكلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن تېخىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىدى.»

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇمشۇق دېگەن جايىدىن تېپىلغان قەدىمكى تىل-يېزىقتىكى يازما يادىكارلىقلارنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان كىشى توخار ۋە بىراخمى تىلى تەتقىقاتچىسى گېرمانىيەلىك ئالىم دىئېتې ماۋودۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىل موڭغۇلىيەدىكى تاش پۈتۈكلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن قىلغان سەپىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تاش پۈتۈكلەر تەڭداشسىز ۋە باھا پىچىلمەس قىممەتكە ئىگە. ئالدى بىلەن بۇ پۈتۈكلەر تۈرك تارىخىغا ئائىت زور مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەنە بىر يايلاق ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم يېزىلغان تارىخىدۇر. شۇ سەۋەبلەردىن تارىخىي ئەھمىيىتىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ماۋو ئورخۇن-يەنىسەي تاش پۈتۈكلىرىنىڭ تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنى پەقەتلا خىتاي تىلىدا يېزىلغان تارىخىي مەنبەلەرگىلا تايىنىشتەك ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇپ، تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە يازغان مەنبەلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپكى تۈرك قاغانلىقى دەۋرىدىن قالغان ئورخۇن يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلىرىمىز يوق. ئورخۇن يېزىقىدا يېزىلغان پۈتۈكلەرنىڭ كۆپى ئاساسەن ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە ئائىتتۇر. دەسلەپكى قاغانلىققا تەۋە پۈتۈكلەر سوغدى ۋە بىراخمى يېزىقىدا يېزىلغان. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، قاغانلىقنىڭ شەرقى قىسمىدا سوغدىچە، غەربىي قىسمىدا باكتېرىيە يېزىقىدا يېزىلغان ۋە شۇ تىلدىكى پۈتۈكلەر تەشكىل قىلىدۇ. تۈركچە يېزىلغان پۈتۈكلەرنىڭ ئاساسى قىسمىنى تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى يازغان ئىجادىي ئەھمىيىتى زور بولغان تۈرك تىلىدىكى ئابىدىلەر تەشكىل قىلىدۇ.»

كېيىنكى يىللاردا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بۇ خىل تاش پۈتۈكلەرنىڭ موڭغۇلىيەدە يەنە داۋاملىق تېپىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. 2011-يىلى 8-ئايدا موڭغۇلىيەنىڭ دەلگېخان دېگەن يېرىدىن 14 تاش پۈتۈك بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئابىدىدە 20 قۇر، 2832 ھەرپ، 646 سۆز بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى تېپىلغان تاش پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلى پروفېسسورى جېنگىز ئاييىلماز خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ خۇلاسىلەيدۇ: «خىتايدا ئورخۇن تاش پۈتۈكلىرىدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا تەۋە تاش پۈتۈكلەر تېپىلدى. بۇ پۈتۈكلەر كۆپىنچە تاش كېمىرلەردە، ئالتاي رايونىدا ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدە تېپىلدى. بۈگۈن خىتايدا 30 غا يېقىن تاش پۈتۈك بار.»

بۇ تاش پۈتۈكلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە جاۋاب بەرگەن پروفېسسور ئەرخان ئايدىن مۇنداق دېدى: «خىتايدا كۆپ تاش پۈتۈكلەر بار. ئەمما ئۇلار بۇ تاش پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ھەتتا كۆرسەتمەيدۇ. ئەسلىدە كۆپ ئىش بار ئىدى، ئەمما ئىشلەش قىيىن. شۇنداق كۆپ تاش پۈتۈكلەر بار، كۆپ بار. ئەپسۇسكى، خىتايلار بۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق يوشۇرىدۇ. ھېچكىمگە كۆرسەتمەيدۇ، ھېچ كۆرەلمەيمىز. يەنى خىتايلار خاتا قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇنى دېمەكچىمەن. بۇرۇنلاردا تەتقىقاتچىلار ئۇ يەرلەرگە بارالايتتى، تەتقىق قىلاتتى. ھازىر ئۇلارغا ھېچ رۇخسەت بېرىلمەيدۇ، خىتاي بۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق يوشۇرماقتا.»

بۇ يىلقى موڭغۇلىيەدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەيئىتىدىن ئورۇن ئالغان ئامېرىكىلىق ئالتاي تىللىرى سېلىشتۇرما تەتقىقاتچىسى پروفېسسور ئالېكساندېر ۋوۋېن ئورخۇن تاش پۈتۈكلەرنىڭ رولىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ: «ئۆز ئېلىپبەسى ۋە تىلىنى قوللىنىشنى تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىغان تونيۇقۇق ئەينى زاماندا خىتايلاشتۇرۇشقا تولىمۇ قارشى ئىدى. چۈنكى كۈنىمىزدە خىتايدا ياشاۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتا. بۇ تىل خىتاي سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يوقىلىش گىردابىغا قاراپ ماڭماقتا. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر مەسىلە. دۆلەت ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىدا خىتايچىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. پەرىزىمچە، تونيۇقۇق ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى ۋە تونيۇقۇق بۇنداق قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلغانىدى.»

ئەينى زاماندا تۈركلەرنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەممىلا يەرگە تارقالغان نەچچە يۈزلىگەن تاش پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشى 1990-يىللاردىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ 2010-يىلىدىن كېيىن موڭغۇلىيە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىگە ئائىت تاش پۈتۈكلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن تاش پۈتۈكلەرنىڭ تېپىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن ۋە تۈرك تارىخىدىكى قاراڭغۇلۇقلار ئۆز مەنبەلىرى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىدىكەن.

دوكتور ماۋو زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆز تەتقىقاتى ھەققىدە سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە موڭغۇلىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە بىراخمى، سوغدى ۋە قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى تاش پۈتۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى يىللاردا نەتىجىلىرىمىزنى كىتاب شەكلىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.