ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 29-چېسلا تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.
بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 40 جەمئىيەت ۋە ۋەقپ قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ۋە مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ 11-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ۋە كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى نامايەندە قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ ئون مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. 29-چېسلا ئاخشام تۈركىيەنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى يىلدىز تىلبە كونسېرت بەردى. كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆيى نامىدىكى كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى.
ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئەنۋەر دەمىرەلگە ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن يەكەن ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «مانا بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىگە كىرگەنلەر ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە باشقا پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار ئىدى.
10 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالدا ھەر كۈنى بىر قانچە تۈركىي مىللەت ئۆز مەدەنىيەت سەنئىتىنى نامايەندە قىلغاندىن سىرت ھەر كۈنى ئاخشام بىر داڭلىق سەنئەتچى كونسېرت بېرىدۇ. بۇلار، يىلدىز تىلبە، پەتەك دىنچۆز، ئەخمەت شافاق، مۇئاززەز ئەرسوي، سەۋجان ئورخان، مۇستافا يىلدىزدوغان، ئالى شان، ئوغۇز يىلماز، دېمەت ئاقالىن ۋە ئازەرىن قاتارلىقلار.
بۇ 10 كۈن جەريانىدا تەخمىنەن 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۇيغۇر كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخشام شەرقىي تۈركىستانلىقلار كېچىسى بولۇپ، بۇ كېچىدە داڭلىق ناخشىچى ئالىشان كونسېرت بەرمەكچى. ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن نەمۇنىلەر كۆرسىتەتتى. يەكەن ۋەقەسىدىن تۈپەيلى ئۇيغۇرلار بۇ يىل سەنئەت نومۇرى كۆرسەتمەي كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقچى.
بىز نەق مەيداندا بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.