مەدىنە يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17- ۋە 18 كۈنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلانغان زالدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەدىنە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھەممەد نىياز ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە 50 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا، ئۆزلىرىگە ئايرىلغان جاينى خالىس ئۇيغۇرچە جابدۇپ چىققان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى، تائاملىرىنى ۋە مەشھۇر شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان. پائالىيەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيەتلىرىدىن قەلەمتىراچ، چىنە-تەخسە ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغان، تاملارغا مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە نەۋايى قاتارلىق ئالىملارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتنى ئاڭلايسىلەر.