ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان پروف. در. مەھمەت ساراي ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاب ئايگان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
3 توم، 706 بەت، 6 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى، «ئومۇمىي تۈرك تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»، ئىككىنچى بۆلۈمى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تۇنجى قېتىم بېسىۋېلىشى ۋە ئىشغالغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن سەۋەبلەر»، ئۈچىنچى بۆلۈمى «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا»، تۆتىنچى بۆلۈمى «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋالغاندىن كېيىن قۇرغان تۈزۈمى»، بەشىنچى بۆلۈمى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قىزىقىشى» ۋە ئالتىنچى بۆلۈمى «خىتاينىڭ قانۇن ۋە قائىدىلەرنى دەپسەندە قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا جايلىشىشى» قاتارلىق تېمىلاردىن تەركىب تاپقان.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە پروف. در. مەھمەت ساراي مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇر تۈركلىرى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھالىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن تۈرك تارىخىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان تۈرك قەۋمىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى دەرسلىك كىتابلىرىمىزغا يېزىپ مەكتەپلەردە پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆگىتىۋاتىمىز. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارىتا تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە نارازىلىق بىلدۈرۈلمىدى. ھالبۇكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى باياننامىسىنى ئىمزالىغان بىر دۆلەت. بۇ 3 توملۇق كىتابىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ھۆججەتلەر بىلەن بايان قىلىشقا تىرىشتىم.
بىز كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى پروف. در. مەھمەت ساراي ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىدە خىزمەت قىلغان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
پروف. در. مەھمەت ساراي ئەپەندى كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇن دۆلىتى مەزگىلىدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
كىتابىمدا تۈركلەرنىڭ ھۇن مەزگىلىدىن كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىرغىز دۆلىتى مەزگىلى ۋە تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىقلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا تۈركىي قەۋىملەرنىڭ قاچان كېلىپ جايلاشقانلىقىنى بايان قىلدىم. ئارقىدىن تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدا زور ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق ئەسىرىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى، مەن كىتابىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىلىنمىگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھۆججەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ 3 توملۇق ئەسەر شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسەر دەپ قارايمەن.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى 3 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ يورۇققا چىقىشىنىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياش ۋاقتىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىچىدە ۋەزىپە ئالغان، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر ئىلىم ئادىمىنىڭ يېزىشى كىتابنىڭ تارىخىي ئىلمىي قىممىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ، كىتابنى ئېلىشنى خالىغان كىشىلەرنىڭ ئايگان يايىنەۋى يانى ئايگان نەشرىياتىنىڭ تور بېتىگە كىرسە تور ئارقىلىق سېتىۋالالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
